ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىش كەسپى چۈشەندۈرۈلۈشى

 تۆۋەندە مەن كۆپچىلىككە ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش يەنى ماركىنى ئىجارە بېرىش كەسپىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي.
  رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنىپ كىنىشكىسى چىقىپ بولغان ماركىنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىشكە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ماركا نامىنى يۆتكەش كەسپىنى بىجىرىمىز. ماركا نامى يۆتكەلدى دىگەنلىك، بۇ ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى نامى يۆتكەلگەندىن كىيىنكى كىشىدە بولۇپ، ماركىنىڭ ئەسلى ئىگىسىنىڭ ھېچقانداق ئىشلىتىش ياكى چەكلەش ھوقۇقى بولمايدۇ. ماركا ئېلىم-سېتىم ئىشلىرىدا دەل مۇشۇ كەسىپنى بىجىرىپ ماركا ھوقۇقىنى بىكىتىمىز.
  بۈگۈن تۇنۇشتۇرماقچى بولغىنىم ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش،يەنە بۇنى ماركىنى ئىجارىگە بېرىش دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ.  بۇنىڭدا ماركا نامى يەنىلا ئەسلى ماركا ئىگىسىدە بولۇپ، ئۆز-ئارا كىلىشىش ئارقىلىق بۇ ماركىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىچىك تۈرلىرى ياكى مەلۇم بىرنەچچە تۈرىنى باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقىت چىكىنى بەلگىلەپ باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشنى كۆرسىتىدۇ.
  ئىجازەتلىك ئىشلىتىش « ئادەتتىكى ئىجازەت بېرىش»، «باشقىلارنى چەكلەپ ئىجازەت بېرىش»،«مۇستەقىل ئىگىلەشكە ئىجازەت بېرىش» قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ.
  ئادەتتىكى ئىجازەت بېرىشتە ماركىنىڭ ئەسلى ئىگىسى يەنى ئىجازەت بەرگۈچى بۇ ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ۋاقىت بەلگىلەپ باشقىلارغا ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، بۇ ماركىنى ئۆزى داۋاملىق ئىشلەتسىمۇ ياكى ئوخشىمىغان كىشىلەرگە تەكرار ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بەرسىمۇ بولىدۇ.
  باشقىلارنى چەكلەپ ئىجازەت بېرىشتە ماركىنىڭ ئەسلى ئىگىسى يەنى ئىجازەت بەرگۈچى بۇ ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ۋاقىت بەلگىلەپ پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ئىجازەتلىك ئىشلىتىشىگە بەرسە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ ماركىنى ئۆزىمۇ داۋاملىق ئىشلەتسە بولىدۇ. لىكىن بەلگىلەنگەن ئىجازەت مۆھلىتى ئىچىدە ئەسلى ئىجازەت بېرىلگۈچىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە تەكرار ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىشكە بولمايدۇ.
  مۇستەقىل ئىگىلەشكە ئىجازەت بېرىشتە بولسا ماركىنىڭ ئەسلى ئىگىسى يەنى ئىجازەت بەرگۈچى بۇ ماركىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ۋاقىت بەلگىلەپ پەقەت بىرلا ئادەمنىڭ ئىجازەتلىك ئىشلىتىشىگە بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئەسلى ماركا ئىگىسىنىڭ بۇ ماركىنى ئىشلىتىش ياكى ئىككىنچى بىر كىشىگە ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.يەنى بۇ ماركىنى پەقەت ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭلا ئىشلىتىش ھوقۇقى بولىدۇ. بۇ خىل ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ئۇسۇلى خاراكتىر جەھەتتىن ماركا نامىنى يۆتكەشكە يېقىنلىشىپ قالىدۇ، لىكىن ماركا نامى يەنىلا ئەسلى ماركا ئىگىسىدە تۇرىۋىرىدۇ.
  يوقارقى ئۈچ تۈرلۈك ئىجازەتلىك ئىشلىتىشنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرغاندىن كىيىن، ماركا ئىدارىسى ماركىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىشنى ئەنگە ئېلىش ئۇقتۇرۇش ھۆججىتىنى تارقىتىدۇ، بۇنىڭدا ماركىنىڭ كىنىشكا نومۇرى، ئەنگە ئېلىش نومۇرى، ئەسلى ئىجازەت بەرگۈچى، ئىجازەت بېرىلگۈچى، ئىجازەت بېرىلىش خاراكتىر تۈرى، ئىجازەتلىك مۆھلىتى،ئىجازەت بېرىلگەن ماركا تۈرلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار تەپسىلى يېزىلىدۇ. ئەگەر ئىجازەت بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا ئىجازەتلىك ئىشلىتىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىش كەسپىنى بىجىرسە بولىدۇ.
  يېقىنى نەچچە ئايدىن بۇيان دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا نامىنى يۆتكەش ئىشلىرىغا بولغان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كۈچەيدى، نامىدا 1-2 يۈز ماركا بار، شۇنداقلا كۆپ قېتىم ئوخشىمىغان كىشىلەرگە ماركا نامىنى يۆتكەشكە ئىلتىماس قىلغان بولسا دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن بۇ ماركىنى ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ ئىسپاتنى تەمىنلىيەلمىسە ماركا ھايانكەشلىكى خاراكتىرىدە بىكىتىلىپ ماركا نامىنى يۆتكەش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنمايۋاتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ماركا سېتىۋالغۇچى بىلەن كىلىشىپ، ماركىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش كەسپىنى بىجىرگۈزۈپ 1-2 يىل ئىشلەتكەندىن كىيىن ئاندىن ماركا نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنى قايتا بىجىرىپ باقساق بەلكىم ئوڭۇشلۇق بولۇشى مۈمكىن.
  
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش