كىملىك، تىجارەت كىنىشكىڭىز، تامغا قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئاشكارىلىماڭ.

  ئەگەر مەندە سىزنىڭ كىملىكىڭىزنىڭ ئالدى كەينى رەسىمى ياكى شىركىتىڭىزنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن تامغىڭىزنىڭ ئېلېكترۇن نۇسقىسى بار بولسا سىزنىڭ ياكى شىركىتىڭىزنىڭ نامىدىكى بارلىق ماركىنى ئۆز نامىمغا يۆتكىۋالالايمەن دىسەم ئىشىنەمسىز؟
  بەلكىم سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۈمكىن، مەن قوشۇلمىغان ئەھۋالدا قانداق يۆتكىۋالالايدۇ؟دەپ ئويلايسىز. لىكىن ماركا نامىنى يۆتكەش كەسپىدە پەقەت ئەسلى ماركا ئىگىسىنىڭ كىملىكى ياكى تىجارەت كىنىشكىسى بىلەن تامغىسىنىڭ رەسىمى بولسىلا شۇ كىشى ياكى شىركەت نامىدىكى بارلىق ماركىنى باشقىلارنىڭ نامىغا يۆتكەشكە بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئەسلى ماركا ئىگىسىگە ماركا ئەھۋالى توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر كەلمەيدۇ. كىملىكىڭىز ياكى تىجارەت كىنىشكا ۋە تامغىڭىزنىڭ رەسىمىنى باشقىلارغا تاپشۇردىڭىز دىگەنلىك نامىڭىزدىكى ماركىلارغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنى بىجىرىشكە قوشۇلغانلىقىڭىز بىلەن باراۋەر بولۇپ، بۇ جەرياندا سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىزنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ماركا كىنىشكىسى قولىڭىزدا بولسىمۇ، ماركا نامى باشقىلارغا يۆتكىلىپ، قولىڭىزدىكى ماركا كىنىشكىسى قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە، سىزگە خەۋەر قىلماي ياكى ماقۇللىقىڭىزنى ئالمايلا ماركىڭىزنىڭ نامىنى يۆتكەش قانۇنى مۈلۈك ھوقۇقىڭىزغا دەخلى قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇنىڭ سورىقىنى قىلغۇچە بىرمۇنچە ئاۋارىچىلىق ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ.
  شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىڭىزنى ياكى شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى، تامغا قاتارلىقلارنىڭ رەسىمىنى خالىغانچە باشقىلارغا ئەۋەتمەڭ. ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرگەندە چوقۇم يوقارقى ماتىرىياللارنى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا تاپشۇرىشىڭىز كىرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى تاللىغاندىمۇ ئەرزان بولۇشنىلا قوغلاشماستىن، ئىشەنچلىك، كەسىپلەشكەن، مەسئۇلىيەتچان ئورۇننى تاللاڭ.
  بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بار، مەندىن نەچچە كۈنلەپ، ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ ماركا ئىشلىرى توغرىلىق مەسلىھەت سورايدۇ، ھەتتا پۈتۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى تولۇق يوللاپ بىرىدۇ، لىكىن ئەڭ مۇھىم بولغان رەسمىيەت ھەققىنى تاپشۇرۇش باسقۇچىدا جىممىدە يوقاپ كىتىدۇ ياكى ئەرزانكەن دەپ باشقا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا كەسىپ بىجىرگۈزىدۇ.     
  ئەلۋەتتە، بىزنىڭ شىركىتىمىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ كىملىك، تىجارەت كىنىشكا ، تامغا قاتارلىق ماتىرىياللىرىڭىزنى خالىغانچە ئىشلەتمەيمىز ياكى باشقىلارغا ئاشكارىلىمايمىز، شۇنداقتىمۇ، سىز ئاشۇ بىخەستەلىكىڭىز بىلەن بۇ ماتىرىياللارنى نىيىتى يامانراق بىرەرسىگە ئەۋەتىپ بەرسىڭىز يوقارقىدەك ماركىڭىز ئۈن-تىنسىز سىز بىلەن خوشلىشىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالسا ئۇنى قانداق ھەل قىلىسىز؟
  ماركا ئىلتىماس قىلىش بازاردىن سەي-كۆكتات سېتىۋالغاندەك پۇل تاپشۇرۇپ خالتىغا سېلىپلا ئېلىپ كەتسە ئۆزىنىڭ بولىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ كەسىپچانلىقنى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ،سەمىمىيلىكنى ۋە ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر قېتىم ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلدىڭىز، شۇ ماركا ۋاكالەتچىڭىز بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئالاقىنى ساقلىشىڭىز كېرەك. شۇڭا كۆپچىلىككە ئەسكەرتىدىغىنىم، كىملىك، تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىق ماتىرىياللىرىڭىزنى ئۇدۇل كەلگەن كىشىلەرگە ئەۋەتمەڭ.
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش