باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان ماركا رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن

ئەمدىلا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، ئەسلىدە باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغان
 دېلو مىسالى:جېجياڭدىكى بىر تور دۇكىنى ئاچىدىغان چەي ئەپەندى بىر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي باشقىلار تەرىپىدىن ئەسەر ھوقۇقى ( نەشر ھوقۇقى ) غا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ ئەرز قىلىنغان، چەي ئەپەندى بۇنىڭ ئۈچۈن 7000 يۈئەن تۆلەم تۆلىگەن، يەنە تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
 يېقىندا خەيشۇ سوت مەھكىمىسى مۇخبىرغا مۇنداق بىر دېلو مىسالىنى ئۇقتۇردى:
 رويخەتكە ئېلىپ تەستىقلانغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە، باشقىلار تەرىپىدىن ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ ئەرز قىلىنغان.
چەي ئەپەندىنىڭ تور دۇكىنى ئاساسلىقى ئاياغ تۈرىدىكى تاۋارلارنى ساتىدىغان بولۇپ، زاۋۇتقا ۋاكالىتەن پىششىقلاپ ئىشلەشنى ھاۋالە قىلغان. بۇلتۇر ئۇ بىر تاۋار ماركىسىنى تىجارەت پائالىيىتىگە رويخەتكە ئالدۇرغان ھەمدە بۇ تاۋار ماركىسىنى ئۆزى ساتقان ئاياغقا باسقان. گەرچە ئۇنىڭ ئىشلەتكىنى ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەستىقلىغان تاۋار ماركىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزىلەر ئۇنى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ ئەرز قىلغان. دەۋا خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، چەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ زادى باشقىلارنىڭ قانداق ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە چەي ئەپەندى ئىگە بولغان بۇ تاۋار ماركىسى پەقەت سىزىقلاردىن سىزىلغان ئاددىي قوش ئاتنىڭ سۈرىتى بولۇپ، بۇ سۈرەتنى دەل دەۋاگەر چېن ئەپەندى سىزغان. چېن ئەپەندى چەي ئەپەندى ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزى سىزغان رەسىمنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇپ ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ قاراپ، سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، چەي ئەپەندىدىن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى توختىتىپ، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
 چەي ئەپەندى رەددىيە بېرىپ مۇنداق دەپ قارىدى:مېنىڭ چېن ئەپەندىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا باشقىچە پىكرىم يوق، لېكىن ئۇنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنىمۇ دۆلەت ئېتىراپ قىلغان، دۆلەت ئۇنىڭ بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئىشلىتىش قىلمىشى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق ھېسابلانمايدۇ، زىياننى تۆلەشمۇ ھاجەتسىز، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە شۇكى، چەي ئەپەندى دەۋاگەرگە 7000 يۈئەن تۆلەم بەرگەن ھەمدە بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن.
 نەشر ھوقۇقى بىلەن تاۋار ماركىسىنىڭ پەرقى:
 1.تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، باشقىلار ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرسا بولمايدۇ، ئەمما نەشر ھوقۇقىنى باشقىلار تىزىملىسا بولىدۇ.
 2.تاۋار ماركىسى ئاساسلىقى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتكە قارىتىلغان، نەشر ھوقۇقى ئەسەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئەگەر سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىزدا لوگو(يەنى بەلگە-شەكىل) بولۇپ، نەشر ھوقۇقى تىزىملانغان بولسا، بۇ تاۋار ماركىسىنى سىزنىڭ لايىھەلىگەنلىكىڭىزنى ئىسپاتلايدۇ، سىزنىڭ بۇ لوگوغا ئىجادىيەت ھوقۇقىڭىز بار.
 3.قوغداش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، نەشر ھوقۇقىنى قوغداش:تەبىئىي شەخس، ئاپتور ھايات ۋاقتىدا ۋە ئۆلگەندىن كېيىنكى 50 يىل قوغدىلىدۇ؛ قانۇنىي ئىگە ئەسەر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنىپ 50 يىلغىچە بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى قوغداش مۇددىتى 10 يىل،10 يىلدىن كېيىن تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
 4.نەشر ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى تېز، تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە گۇۋاھنامىنى ئالغىلى بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئاستا بولۇشتەك يېتەرسىزلىكنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، خېرىدار پۈتۈن تۈر بويىچە رويخەتكە ئالدۇرمىغان بوشلۇقنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ، كۆپ تۈر بويىچە رويخەتكە ئالدۇرغىلى بولمىسا، نەشر ھوقۇقى قىلىشقا بولىدۇ.
 5.تاۋار ماركىسى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە، يەككە تۈردىكى قوغداش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلۈك، نەشر ھوقۇقىنى قوغداش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ، ئالدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە.

 تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا نەشر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ پايدىسى:
1. نەشر ھوقۇقى ئالدىدا تۇرىدۇ. «تاۋار ماركىسى قانۇنى» دا ئەسەر ھوقۇقى ئالدىنقى ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئەسىرىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلىتىش باشقىلارنىڭ ئالدىنقى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ھەممىسىنىڭ ئېنىق مەھسۇلات تۈرى بولىدۇ، ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتىدۇ. نەشىر ھوقۇقىنى تىزىملاشنىڭ قوغداش دائىرىسى 45 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەر قانداق مۇلازىمەت كەسپى ۋە تاۋار قوغدىلىدۇ، باشقىلارنىڭ ئوخشاش شەكىل بىلەن باشقا تۈردىكى تاۋارلارنىڭ ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
2. تاۋار ماركىسى خاراكتېرىدە بولمىغان ئىشلىتىشتىمۇ ھوقۇقنى قوغدىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن بەزىلەر سىزنىڭ LOGO يەنى تاۋار ماركىڭىزنىڭ شەكلىنى ماركىدىن باشقا  جايغا ئىشلەتكەن ھەمدە بۇ بەلگە بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تاۋىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشقا ئىشلەتكەن بولسا، ئەسەر ھوقۇقى ۋە ناتوغرا رىقابەت ئارقىلىق ھوقۇقىنى قوغدىسا بولىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا تاۋار ماركىسى قانۇنى بويىچە بىرتەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ.
 3.تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەشر ھوقۇقىنى قوغداشنى ئىلتىماس قىلسا، نەشر ھوقۇقىنىڭ گۇۋاھنامە چۈشۈشى تېز بولىدۇ، ئەگەر تاۋار ماركىسى تەرتىپىدە رەت قىلىنسا، دەلىل - ئىسپات ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى رەت قىلىپ قايتا تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
4.«تاۋار ماركىسىنى نەشرھوقۇقىغا تىزىملىتىش» ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ماركىسىنى قوغدايدۇ. «ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» بەلگىلىمىسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى ئىلكىدە تۇتقۇچىنىڭ نامۇۋاپىق ھالدا بېسىۋېلىشى ياكى مونوپول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بولۇپ، بۇ باشقا تىجارەتچىلەر ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان تاۋار ماركىسى بايلىقى. لېكىن، «تاۋار ماركىسىنىڭ نەشر  ھوقۇقى» نى قوغداش ئەندىزىسى ئاستىدا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بەھرىمەن بولىدىغان ئەسەر ھوقۇقى ئاساسىدا باشقىلارنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىشىنى چەكلەيدۇ.
مەنبەسى:شاڭبىياۋچۈەن تورى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش