كارخانا،يەككە تىجارەتچى،كوپراتىپنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟

كارخانا - ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت، مۇلازىمەت قاتارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش ياكى مۇلازىمەت ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرىدىغان، مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، ئىقتىسادىي قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان بىر خىل پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلات.
يەككە سودا - سانائەتچىلەر - قانۇن يول قويغان دائىرە ئىچىدە، قانۇن بويىچە تەستىقلىنىپ تىزىمغا ئېلىنغان، سودا - سانائەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەبىئىي شەخسلەرنى كۆرسىتىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى» نىڭ 26 - ماددىسىدا، پۇقرالاردىن قانۇن يول قويغان دائىرىدە، قانۇن بويىچە تەستىق بىلەن تىزىملىتىپ، سودا - سانائەت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىرى يەككە سودا - سانائەتچى ھېسابلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى - يېزىلاردىكى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، ئوخشاش تۈردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار ياكى ئوخشاش تۈردىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، ئۇنىڭدىن پايدىلانغۇچىلار ئىختىيارىي بىرلەشكەن، دېموكراتىك باشقۇرىدىغان ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتىدۇر. دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى ئۆز ئەزالىرىنى ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، توشۇش، ساقلاش ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا، ئۇچۇر قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش