«رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

ماركا ئىگىسى «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

يېقىندا، بىرقانچە ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ زاكاز خەت شەكلىدە ئەۋەتكەن «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تاپشۇرۇۋېلىپ،  ئىككى ئاي ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ماڭا ئېيىتىپ، بۇنىڭغا قانداق چارە قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى.
ئۇنداقتا، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى نېمە ئۈچۈن تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئەۋەتكەن تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ؟
قانۇن ئاساسى- «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49ـ ماددىسى:رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان ياكى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ توققۇز ئاي ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك، ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، دۆلەتنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەستىقى بىلەن ئۈچ ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
«تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 66ـ ماددىسى:تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49ـ ماددىسىدا بەلگىلەنگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئورۇنسىز سەۋەبلەر بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىگەن بولسا، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس سۇنغاندا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرىكى 3 يىل ئىچىدە ئىشلەتكەنلىك دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرۇشنى ياكى ئىشلەتمەسلىكتىكى يوللۇق سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى ئۇقتۇرۇشى كېرەك؛ مۆھلەت توشقۇچە ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرى تەمىنلىمىسە ياكى دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرى كۈچكە ئىگە بولمىسا ھەمدە يوللۇق سەۋەبى بولمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ.


كۈچكە ئىگە رويخەتكە ئالدۇرغىنىغا ئۈچ يىل توشقان تاۋار ماركىسى بولسىلا، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارىمۇ سىجىل ئېشىپ، ئۈنۈملۈك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسى بايلىقى كۈنسېرى قىس بولۇش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياخشى ئىسىم رويخەتكە ئېلىنىپ بولدى، يېڭى ئىلتىماس قىلغۇچى يەنە بۇ ماركىنىڭ نامىنى ئالماقچى بولغاندا، بەزى ئىلتىماس قىلغۇچىلار يېڭى ئىلتىماس قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» تەرتىپىنى يولغا قويۇپ، توسالغۇلارنى تازىلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، «بىگۇناھ كىشىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ»، «بازاردا ياخشى ئىشلىتىلىۋاتقان تاۋار ماركىلىرى» مۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى زاكاز خەت شەكلىدە پوچتىدىن ئەۋەتكەن «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تاپشۇرۇۋالغاندا، بىر خىل «ئۇچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك» دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولىدۇ.
بۇ ۋاقىتتا،ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، تاۋار ماركىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئۇنداقتا تاۋار ماركىسىنىڭ ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن بىكار قىلىنىش ئىشلىرىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
«رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش دەلىل ـ ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئاكتىپ دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىشى، بىپەرۋالىق قىلماسلىقى كېرەك. چۈنكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى «
ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» تەرتىپىدە دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەلىل ـ ئىسپات كۆرسىتىش مۇددىتى ئىچىدە دەلىل ـ ئىسپاتنى تاپشۇرمىسا، تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى دەلىل ـ ئىسپات تاپشۇرغاندا، دەلىل ـ ئىسپاتنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ياكى ئىشلەتمەسلىكتىكى يوللۇق سەۋەبنىڭ مۇۋاپىقلىقى، قانۇنلۇقلىقىغا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر تەمىنلىگەن دەلىل ـ ئىسپات كۈچكە ئىگە بولمىسا، تەمىنلىگەن يوللۇق سەۋەب دەلىل ـ ئىسپاتى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ بېكىتىشىگە ئېرىشمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنىڭ قانۇنىي ئاقىۋىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئاخىرىدا، دەلىل ـ ئىسپات بىلەن تەمىنلەش قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇرەككەپ خىزمەت، سىز ئەمەلىيەتتە مەلۇم بىر تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، تەمىنلىگەن دەلىل ـ ئىسپات تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىسا بىكار ئاۋارە بولغان بولىسىز. بۇ ۋاقىتتا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىغا جاۋاب بېرىشنى ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ، ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى سىزنىڭ ئۈنۈملۈك دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىنلىشىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، جاۋاب ھۆججىتى يېزىش ۋە دەلىل - ئىسپاتلارنى رەتلەش قاتارلىقلار سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ۋە كۈچىڭىزنى تېجەيدۇ.

دائىم ئۇچرايدىغان ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش دەلىل ـ ئىسپاتى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل بولىدۇ:
1.توختام تۈرى، مەسىلەن: سېتىش توختامى، مۇلازىمەت كېلىشىمى، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىش توختامى، ئېلان تەشۋىقات توختامى، ئىجازەت بېرىش ئىتتىپاق تۈزگەن توختام، ئوراش ـ قاچىلاش لايىھىسى توختامى، ئوراش ـ قاچىلاش سېتىۋېلىش توختامى قاتارلىقلار؛
2.سۈرەت تۈرى، مەسىلەن:بايان قىلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋار ئوراش ـ قاچىلاش، دۇكان ۋىۋىسكىسى، ئىچكى سۈرەت، ئېلان سۈرىتى قاتارلىقلار؛
3. ئېلان، ئاخبارات خەۋىرى تۈرى، مەسىلەن، تېلېۋىزىيە، تور، گېزىت، ژۇرنال قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى ئېلان ۋە خەۋەر، تەشۋىقات قوللانمىسى، تالا ئېلانى، كۆرگەزمە سۈرىتى قاتارلىقلار؛
4. باشقا ھۆججەت تۈرلىرى:مەسىلەن، تالون، مال چىقىرىش تالونى، مال توشۇش تالونى، ھۆججەت، تەكشۈرۈش ئىسپاتى، رېمونت قىلىش ئىسپاتى، قۇراشتۇرۇش تالونى، فاكس قاتارلىقلار.
ئەڭ ئاخىرىدا رېئاللىقنى چىقىش قىلغاندا، تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدىكى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەۋاتقان ئەھۋالدا.
شۇڭا تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدىكى دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقلاپ، دەلىل - ئىسپات ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتە تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە، چەكلىك دائىرىدە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى نامايان قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىپ، كارخانا ماركا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش