ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەندە بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

ماركا ئىگىلىرى تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە، تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسىدىكى نۇسخىغا ئوخشىمىسا جازالىنىشى مۈمكىن. تاۋار ماركىسى كىنىشكىسىدىكى بىلەن پۈتۈنلەي بىردەك بولغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندىلا ،ئاندىن R بەلگىسىنى قويۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ،بۇنى «رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» دەپ ئەسكەرتىپ قويالايسىز. ئۇنداق بولمايدىكەن، خەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق ئۆزگىرىش بولسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى قېلىپلاشمىغان دەپ قارىلىپ، مەمۇرىي جازا بېرىلىشى مۈمكىن.
ئۇنداقتا يوقارقىدەك ئەھۋالغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
1. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ.
«تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە ھەمدە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلغان مۆھلەت مۇددىتى توشسىمۇ تۈزەتمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسنى بىكار قىلىدۇ.
2. سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
«تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتكەن ھەمدە سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇغان بولسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە سودا - سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش تارمىقى جەرىمانە قويىدۇ. جەرىمانە سوممىسى قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ %10 دىن تۆۋەن بولىدۇ.
3.خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلىش.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەگەر تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسىدىكى نۇسخىغا ئوخشاش بولمىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرسە، ھوقۇقى دەخلى ـ تەرۇزغا ئۇچرىغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى توختىتىشنى، زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
4.تاموژنا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان مالنى تۇتۇپ قېلىش.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر تاۋار ماركىسى گۇۋاھنامىسىدىكى نۇسخىغا ئوخشىمايدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرسە، تاموژنا ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان مالنى تۇتۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئاخىرىدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، زۆرۈر بولمىغان زىيان ۋە قانۇن خېيىم - خەتىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش