ماركا ئىشلىرىدا «ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش» دەيدىغان بىر كەسىپ بار

سىز ماركا ئىلتىماسىم تەستىقلاندى، ماركا كىنىشكىسىمۇ قولۇمدا، پەقەت ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ۋاقتىنى ئۇزارتىپ قويساملا بۇ ماركا داۋاملىق مىنىڭ بولىدۇ،دەپ ئويلامسىز؟
سىزلا ئەمەس،كۆپ ساندىكى كىشىلەر شۇنداق ئويلىشى مۈمكىن، ماركىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا قانۇنلۇق ئەنگە ئالدۇرغان، كىنىشكا قولۇمدا بولغاندىكىن بۇ ماركا داۋاملىق ماڭا تەۋە بولىدۇ...دىگەندەك. ئەسلى شۇنداق بولۇشى كىرەك ، ھەممەيلەن شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز. لىكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس.
ماركا ئىشلىرىدا «ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش» دەيدىغان بىر كەسىپ بار، يەنى،دۆلىتىمىز ماركا قانۇنىنىڭ 49-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە،  ماركا رەسمىي تەستىقلىنىپ ئۈچ يىلدىن كىيىن ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا شۇ ماركىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار.بۇخىل تۈزۈمنى يولغا  قويۇشتىن مەقسەت كۈنسىرى قىس بولىۋاتقان ماركا بايلىقىنىڭ ئىشلىتىلمەي بىكار تورۇشى ياكى مەقسەتلىك يىغىۋېلىپ ئىسراپ قىلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن. ئەلۋەتتە بۇنداق ئىلتىماسقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ.
 
ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ھەق تاپشۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئۈچ يىل سەۋەبسىز ئىشلىتىلمىگەن ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ؟
 ئالدى بىلەن شۇ ماركىغا كۆزى چۈشكەن، ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ياكى شۇ ماركىدىكى مەلۇم يېزىق ياكى شەكىل ئۆزى ئىلتىماس قىلغان ماركىغا يېقىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ئەھۋالدا، بۇ خىل توسالغۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆز ماركىسىنىڭ تەستىقلانماسلىقىغا سەۋەب بولغان شۇ ماركىنى ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن دەپ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئۇ ماركىنى بىكار قىلىپ ئۆزىنىڭ ماركىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىشىغا يول ئېچىش ئۈچۈن.
 يەنە بىرسى بولسا ئوخشاش كەسىپتىكى رىقابەتچىلەر قەستەن ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىش مەقسىتىدە نۇرمال ئىشلىتىلىۋاتقان ماركىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ  بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ ۋە ئۇ ماركىنى بىكار قىلدۇرۇپ ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلىۋالىدۇ.
ئەلۋەتتە، دۆلەت ماركا ئىدارىسىمۇ ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋېلىپلا بۇ ماركىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. بەلكى، ئەسلى ماركا ئىگىسىگە پوچتا ئارقىلىق خەت يوللاپ ۋە ئەسلىدىكى شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن ياكى ئەڭ يېقىندا شۇ ماركىغا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ بىجىرىپ بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىغا ئىچكى سېستىما ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، ئاشۇ ماركىنى يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى دەلىل-ئىسپاتلارنى تەمىنلەشنى ياكى ئىشلەتمىگەن بولسا ئىشلەتمەسلىكتىكى قايىل قىلارلىق سەۋەبنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە بۇنىڭغا 2 ئاي ۋاقىت بېرىدۇ.
 بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كىرەككى، ئەگەر سىزنىڭ ماركا كىنىشكىسىدىكى ياكى رويخەت ئارخىۋىدىكى ئادرېسىڭىز ئۆزگەرگەن بولسا دۆلەت ماركا ئىدارىسى سىزگە پوچتىدىن ئەۋەتكەن يوقارقى ئۇقتۇرۇش ماتىرىيالىنى تاپشۇرۇپ ئالالمايسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا قانۇنىدىمۇ ماركا ئىگىسىنىڭ ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولسا چوقۇم دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئادرېسنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىشى كىرەك،دەپ بەلگىلەنگەن، ئەگەر ئەڭ يېڭى ئادرېسقا ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز بۇ ئۇقتۇرۇشتىن خەۋەرسىز قالىسىز، 2 ئايغىچە جاۋاپ خەت قايتۇرمىسىڭىز ماركىڭىز بىكار قىلىنىشى مۈمكىن. بۇ دەل بىز دەۋاتقان ماركا كىنىشكىسىدىكى ئادرېسىڭىزدا ئۆزگىرىش بولسا ۋاقتىدا ئادرېس ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىڭ، بولمىسا ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن دىگەن ئەسكەرتىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، بۇ ھەرگىزمۇ كۆپتۈرىۋەتكەنلىك ياكى قەستەن قورقۇنۇش سالغانلىق ئەمەس.
 ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسلىدىكى ماركا ۋاكالەتچىڭىز ياكى ئەڭ يېڭى ماركا كەسپىنى بىجىرىپ بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىڭىز يوقارقى ئۇقتۇرۇشنى ئىچكى سېستىما ئارقىلىق تاپشۇرۇپ ئېلىپلا سىزگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كىرەك، بۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى بولمىسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە  مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ماركا ۋاكالەتچىڭىز بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماڭ دىيىشىمىزدىكى سەۋەبمۇ دەل شۇ. ئەگەر ئادرېسىڭىز ئۆزگىرىپ پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرىۋالالمىسىڭىز، ماركا ۋاكالەتچىڭىزمۇ سىزگە بۇ ئۇقتۇرۇشنى ئەۋەتمىسە دىمەك،سىزنىڭ ماركىڭىزنى باشقىلار ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى،دەپ ئەرىز قىلغاندىن كىيىن 2 ئاي ئىچىدە ماركىنى ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى ۋاقتىدا دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يەتكۈزمىسىڭىز بۇ ماركىڭىز ئىناۋەتسىز قىلىنىشى مۈمكىن.
ماركا كىنىشكىسى قولۇمدا، پۇل خەجلەپ ئىلتىماس قىلغان، بىكار قىلىنمايدۇ، دەپ بىپەرۋا يۈرىۋەرسىڭىز ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىسىز دىگەن گەپمۇ دەل مۇشۇ. ئەلۋەتتە، سىز ئۆز ماركىڭىزنىڭ بىكار قىلىنىشىنى خالىمايسىز ۋە بىكار قىلىنسا قايىل بولمايسىز، لىكىن بۇ پۈتۈنلەي قانۇن ئارقىلىق بولىۋاتقان نۇرمال ئىشلار. قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىش ياكى قانۇن -نىزاملارغا ئۇيغۇن ھالدا رەسمىيەت بىجىرىش دىگەن بەك چوڭ ئىش. ئاغزىڭىزدا قايىل بولمىسىڭىزمۇ قانۇن ئالدىدا ئامال قىلالمايسىز.
 شۇنىڭ ئۈچۈن، مانا بىز سىزگە سىز چۈشەنمەيدىغان شۇ قانۇن مەزمۇنلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويىۋاتقاندىكىن، بىزنى قۇرۇق گەپ قىلىدۇ، كەسىپ بىجىرگۈزۈش ئۈچۈن قورقۇتۇپ باقىدۇ، دەپ گۇمانلىنىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، بىزنىڭ تۆۋەندىكى تەكلىۋىمىزنى ئاڭلاپ بېقىڭ:
1- ئەگەر ماركا كىنىشكىسىدىكى ئادرېسىڭىزدا ئۆزگىرىش بولسا دەرھال دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئادرېسنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىڭ.
2- ئەسلى ماركا ۋاكالەتچىڭىز ياكى يېقىندا شۇ ماركىغا مۇناسىۋەتلىك ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرىپ بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىڭىز بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماڭ.ماركا كەسپىدە ئەرزانكەن دەپلا ئۇدۇل كەلگەن ئۆتكۈنچى ماركا ۋاكالەتچىسىگە ھاۋالە قىلسىڭىز كىيىن زىيان تارتىپ قالىسىز. بۇ خۇددى يولدىكى يايمىچىدىن ئاياغ سېتىۋېلىپ، ئەتىسى پۇتىڭىزنى قىستىغان ئاياغنى ئالماشتۇرغىلى چىقىپ ئۇ يايمىچىنى  تاپالمىغاندەكلا ئىش.
3- ماركىنى قانداق ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز شۇنداق ئىشلىتىڭ. ماركا قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە رەڭسىز ئىلتىماس قىلىنغان ماركىنىڭ رەڭگىنى ئىشلەتكەندە خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ،لىكىن ماركىنىڭ شەكلىنى، ھەتتا خەت نۇسقىسىنىمۇ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئۆزگەرتىلگەن بولسا شۇ ئۆزگەرتىلگەن ماركا شەكلىنىمۇ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا ماركىنى ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىڭىزمۇ ئىناۋەتسىز بولۇشى مۈمكىن.
4- ماركىنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرى بويىچە ئەمەلىي ئىشلىتىڭ ۋە ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتلىرىنى ياخشى قالدۇرۇپ ساقلاڭ. مەسىلەن، مەھسۇلات ئورالما-چاپلىقى، ۋىۋىسكا، ئېلان-تەشۋىقات، مال كىرگۈزۈش تالون-ھۆججەتلىرى، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك توختام-كېلىشىملەر، كۆرگەزمە-پائالىيەتلەرگە شۇ ماركا بەلگىسىنى چوقۇم ئىشلىتىڭ ۋە مۇناسىۋەتلىك  سۈرەت ياكى سىن ماتىرىياللىرىنى ساقلاپ قۇيۇڭ.
5- دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركىنى ئىشلىتىش ئىسپاتلىرىنى تەمىنلەش ئۇقتۇرۇشىغا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە قايىل قىلارلىق ئىسپاتلارنى تەمىنلەڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن كەسىپتە پىشقان،تەجرىبىلىك ۋە  ئىشەنچلىك ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلسىڭىز بولىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، دۆلەت ماركا ئىدارىسىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن قايىل قىلىش، باشقىلارغا ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەنلىكىڭىز توغرىلىق ھەرقانچە قاخشاپ،ھېرىپ قالغىچە سۆزلىسىڭىزمۇ بىكار، ئاخىرقى قانۇن بويىچە قارار چىقىرىدىغىنى يەنىلا دۆلەت ماركا ئىدارىسى.
يوقارقىلارنى خولاسىلىغاندا شۇنداق بىر ئىشنى چۈشىنىسىزكى، ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەرگىزمۇ بازاردىن سەي-كۆكتات ياكى كىيىم-كېچەك سېتىۋالغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس، ماركىڭىز تەستىقلىنىپ كىنىشكىسى قولىڭىزدا بولسىمۇ ، ماركا كىنىشكىسى چىقىپ 5 يىلغىچە ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇننىڭ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا شۇ ماركىنى بىكار قىلىشنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلىش، ماركا تەستىقلىنىپ 3 يىلدىن كىيىن شۇ ماركىنى ئۇدا ئۈچ يىل سەۋەبسىز ئىشلەتمىگەنلىكتىن بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى بار. يوقارقىدەك ئەھۋاللارغا چوقۇم ۋاقتىدا قايىل قىلارلىق جاۋاپ قايتۇرۇپ ماركىڭىزنى قانۇن بويىچە قوغداپ قېلىشىڭىز كىرەك.

ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، ھەرقانداق ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملىتىش، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش، كارخانىلار ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىسى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، تاۋار تاياقچە كود كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، مالىيە بۇغالتىرلىق ئىشلىرىغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز، تەكشىلىك ئېلان-تەشۋىقاتلىرىنى لايىھەلەتمەكچى، باستۇرماقچى بولسىڭىز شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم 3935579، تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنقاڭ ماركا تورىغا كىرىڭ. تور ئادرېسى:www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش