يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىركەت قانۇنى» 2024 - يىلى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى بەش يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرۇش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىركەت قانۇنى» 2024 - يىلى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
يېقىندا،14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - سانلىق يىغىنىدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى،2024 - يىلى 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتال تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇش، شىركەت قۇرۇش، چېكىندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دېموكراتىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىركەت قانۇنى» دا شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى تاپشۇرۇش مۇددىتى زور دەرىجىدە تەڭشەلدى، يېڭى «شىركەت قانۇنى» نىڭ 47-ماددىسىدا، بارلىق پايچىكلار لەۋزى قىلغان مەبلەغ سوممىسىنى پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
«شىركەت قانۇنى» 30 يىلدا تۆت قېتىم تۈزىتىلدى.
 «شىركەت قانۇنى» نى تۈزۈش، تۈزىتىش جەريانىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئۇ 1993 - يىلى تۈزۈلۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 1999 - يىلى،2004 - يىلى،2013 - يىلى ۋە 2018 - يىلى تۆت قېتىم ئۆزگەرتىلدى،2005 - يىلى ۋە 2023 - يىلى ئىككى قېتىم تۈزىتىلدى. 2019-يىلىنىڭ بېشىدا «شىركەت قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش باشلانغاندىن بۇيان، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2021-يىلى 12-ئاي،2022-يىلى 12-ئاي،2023-يىلى 8-ئاي ۋە 12-ئايدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۆت قېتىم قاراپ چىقىشىدىن ئۆتتى.
 ھەر قېتىملىق «شىركەت قانۇنى» غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈش جەريانىدا،1999 - يىلى ،2004 - يىلى ۋە 2018 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا LP قاتارلىق مەبلەغ چىقىرىش نىسبىتىنى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ،ئۆرلىگەن باھادا تارقىتىش ۋە شىركەت قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش تۈزۈمى قاتارلىق ئۈچ جەھەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى ،شىركەت كاپىتال تۈزۈمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا ،مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار 2005 - يىلى ،2013 - يىلى ۋە 2023 - يىلى تۈزىتىش كىرگۈزدى.
«شىركەت قانۇنى» 1993-يىلى تۈزۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، قانۇندا بەلگىلەنگەن كاپىتال تۈزۈمىگە قاتتىق ئەمەل قىلغان، بۇ ۋاقىتتا پايچىك چوقۇم ئەمەلىي مەبلەغ تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن پايچىك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولسا، شىركەت ئاندىن قۇرۇلىدۇ. رويىخەتكە ئالدۇرغان كاپىتال چېكى جەھەتتە، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆز شىركىتىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، رويىخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 مىڭ يۈئەن،300 مىڭ يۈئەن ياكى 500 مىڭ يۈئەن، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 10 مىليون يۈئەن خەلق پۇلى بولىدۇ.
 2005 - يىلى «شىركەت قانۇنى» غا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندە، مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش تۈزۈمى كىرگۈزۈلۈپ، «تاپشۇرۇش تۈزۈمى» نى قوللاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ چىقىرىشقا چەك قويۇلۇپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى بارلىق پايچىكلارنىڭ تۇنجى قېتىم چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنىڭ %20 دىن تۆۋەن بولماسلىقى، قالغان قىسمىنى ئىككى يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرۇشى بەلگىلەندى.
2013-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىركەت قانۇنى» دا پايچىك ياكى تەشەببۇسچىنىڭ تۇنجى قېتىم تاپشۇرىدىغان سوممىسى ۋە مۇددەتكە بۆلۈپ تاپشۇرۇش مۇددىتىگە چەك قويۇلمىدى. لېكىن ھەددىدىن زىيادە بوش قويۇۋېتىشمۇ بەزى نۇقسانلارنى پەيدا قىلدى، مەسىلەن، جەمئىيەتتە «رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىغا سۇ قۇيۇلغان» نۇرغۇن شىركەتلەر بارلىققا كەلدى، پايچىكلار ۋەدە قىلغان تاپشۇرىدىغان كاپىتال سوممىسى ناھايىتى كۆپ، تاپشۇرۇش مۇددىتى 50 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن بولدى.
 «شىركەت قانۇنى» تۈزىتىلگەندىن كېيىن رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى بەش يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
 2023 - يىلى تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «شىركەت قانۇنى» غا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جەمىي 15 باب بولۇپ، ئومۇمىي پىرىنسىپ، شىركەت تىزىملاش، چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى، چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتىنىڭ پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي ئاپپاراتى، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي تارقىتىش ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دۆلەت مەبلەغ چىقارغان شىركەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى توغرىسىدىكى ئالاھىدە بەلگىلىمە قاتارلىقلار.
تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كونكرېت ئۆزگىرىشتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى شىركەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە پايچىكلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كۈچەيتىلىپ، پايچىكلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى كۈچەيتىلىپ، پايچىكلارنىڭ ماتېرىيال كۆرۈش دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلىرىنىڭ بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى كۆرۈشىگە، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پايچىكلىرىنىڭ بوغالتىرلىق ھېسابات دەپتىرى ۋە بوغالتىرلىق دوكۇمېنتىنى كۆرۈشىگە، تولۇق مەبلەغلىك بالا شىركەتنىڭ ئالاقىدار ماتېرىياللىرىنى كۆرۈشىگە، كۆپەيتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىندى. پاي چەكلىك شىركىتى پايچىكلىرىنىڭ ۋاقىتلىق پايچىكلار كېڭىشى يىغىنى چاقىرىشنى تەلەپ قىلىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايچىكلارنىڭ ۋاقىتلىق تەكلىپ بېرىش ھوقۇقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايچىكلارنىڭ شىركەتنى ئىدارە قىلىشقا دېموكراتىك قاتنىشىشىنى كۈچەيتىلدى. شىركەتتىكى پاي چېكىنى كونترول قىلغۇچى پايچىك پايچىك ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، شىركەت ياكى باشقا پايچىكلارنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزسە، باشقا پايچىكلار شىركەتتىن ئۆزىنىڭ پاي ھوقۇقىنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن.
بۇ قېتىمقى شىركەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىركەتتە پەقەت مۇدىرىيەت تەسىس قىلىپ، نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەسىس قىلماسلىققا رۇخسەت قىلدى. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ شىركەتنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا قاتنىشىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىشچى - خىزمەتچىسى 300 دىن ئاشىدىغان شىركەتلەردە قانۇن بويىچە نازارەتچىلىك ھەيئىتى تەسىس قىلىنغان ھەمدە شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بولغاندىن سىرت، ئۇنىڭ مۇدىرىيەت ئەزالىرى ئىچىدە شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىلى بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە يەنە پاي چېكىنى كونترول قىلغۇچى پايچىك، ئەمەلىي كونترول قىلغۇچى ۋە مۇدىر، نازارەتچى، ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلىپ، شىركەت قۇرۇش، چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمى، دۆلەت مەبلەغ چىقارغان شىركەتكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر، شىركەت زايومىغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە يەنە شىركەتنىڭ كاپىتال تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئېتىراپ قىلىپ تىزىملاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پايچىكلىرىنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى بەش يىلدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىكنى بەلگىلىدى. پاي چەكلىك شىركىتىگە ھوقۇق بېرىلگەن كاپىتال تۈزۈمىنى كىرگۈزۈپ، شىركەت نىزامنامىسى ياكى پايچىكلار يىغىنى مۇدىرىيەتكە پاي تارقىتىش ھوقۇقى بېرىشكە رۇخسەت قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەشەببۇسچىدىن پاي پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھەم شىركەت قۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىش، مەبلەغ توپلاشنىڭ جانلىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، ھەم رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنىڭ مەۋھۇملىشىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى.
ئاز سوممىلىق رويخەتكە ئالدۇرغان شىركەتلەر پايچىكلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش شەكلىنى كۆپەيتىدۇ ياكى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتۇرىدۇ
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت قانۇن چىقىرىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ساقلانما شىركەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش ئۈچۈن، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شىركەت قانۇنى» دا ئۆتكۈنچى مەزگىل بېكىتىلگەن قانۇن چىقىرىش لايىھەسى قوللىنىلغان بولۇپ،2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان ساقلانما شىركەتلەر، مەبلەغ چىقىرىش مۆھلىتى يېڭى «شىركەت قانۇنى» دا بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئېشىپ كەتسە، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ؛ مەبلەغ چىقىرىش مۆھلىتى، چىقارغان مەبلەغ سوممىسىدا روشەن نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تەڭشەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ. كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈئەن بەلگىلەيدۇ.»
كارخانىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى شىركەت قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بىرىنچىدىن، كارخانىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى ئازىيىدۇ، ئاز سوممىلىق رويخەتكە ئالدۇرغان شىركەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ؛
 ئىككىنچىدىن، پايچىكلارنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ خىللىشىدۇ.
 ئەنباڭ ئاقىللار ئامبىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ شىتې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:يېڭى شىركەت قانۇنىدا رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى بەش يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرۇش بەلگىلەنگەن بولغاچقا، ئەگەر نەق پۇل نەقلەشمىسە، قىسمەن كارخانىلار غەيرىي پۇل خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن، ماددىي بۇيۇم مەبلىغى ياكى تېخنىكا ئارقىلىق پاي قوشۇشى مۇمكىن، قىسمەن ساقلانما شىركەتلەر ئەگەر بەلگىلەنگەن بەش يىل ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئەمەلىي تاپشۇرالمىسا، مەبلەغنى كېمەيتىش، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە دۇچ كېلىدۇ.
 ياڭ شىتې مۇنداق دېدى:كاپىتال بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭى شىركەت قانۇنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك پايچىكلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ دېموكراتىك مۇساپىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، شىركەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كاپىتال بازىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.
مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاستىلىغان ۋەزىيەتتە، بازاردا ئومۇميۈزلۈك ئىشەنچ كەمچىل، بەش يىل ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تولۇق تاپشۇرۇش بەلگىلىمىسى زور بىر تۈركۈم شىركەتلەرنىڭ رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ پۇقراۋى شىركەتلەر.
مەسىلەن، «رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى يالغان مەلۇم قىلىش جىنايىتى» ۋە «ساختا مەبلەغ چىقىرىش، چىقارغان مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلىش جىنايىتى» قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، كارخانىلارنىڭ تاشقى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مىقدارىمۇ چوڭىيىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ خەتەرلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
 بۇ قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىركەت قانۇنىنىڭ ئىلگىرىكى شىركەت قانۇنى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭ پەرقى شۇكى، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لەۋزى قىلغان مەبلىغىنى تىزىملاش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بارلىق پايچىكلار لەۋزى قىلغان مەبلەغ سوممىسىنى پايچىكلار شىركەت نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە تولۇق تاپشۇرىدۇ، بۇ پايچىكلارنىڭ شىركەت قۇرغاندا چوقۇم بەلگىلىك مەبلەغ زاپىسى ۋە تەپسىلىي پىلاننى ھازىرلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ياڭ شىتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇمۇ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ، پايچىكلارنى ۋاقتىدا مەبلەغ تاپشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پاي چېكىگە خېرىدار بولۇپ پۇل تاپشۇرماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى شىركەت قانۇنىدىمۇ شىركەتنىڭ چېكىنىپ چىقىش تۈزۈمى، پايچىكلارنىڭ ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولۇشى ۋە مەبلەغ تاپشۇرۇشنى سۈيلەش قاتارلىق تۈزۈملەر يانداش بەلگىلەنگەن. بۇمۇ كۆپ ساندىكى كارخانىلارنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكىگە ئۇيغۇن، ھەمدە بازارنىڭ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى مۇۋاپىق مۇددەتنى ئالدىن مۆلچەرلىشىنى قاندۇرىدۇ. يېڭى شىركەت قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق مۇددەت تىجارىتى ياخشى بولمىغان ياكى نورمال تىجارەت قىلالمىغان كارخانىلار رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
 
ھەمبەھىرلەش