شىركەت ئىگىلىرى بۇياققا دىققەت قىلىڭ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىركەت قانۇنى

شىركەت  ئىگىلىرى بۇياققا دىققەت قىلىڭ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن شىركەت قانۇنى 2023-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ماقۇللىنىپ، شىركەت تىزىملىتىلغان كۈندىن باشلاپ 5 يىل ئىچىدە كاپىتالنى يەنى تىزىملىتىلغان مەبلەغنى ئەمەلىي تاپشۇرۇش كېرەكلىكى بەلگىلەندى. بۇ قانۇن 2024-يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمى يولغا قويۇلىدۇ.
ئۇنداقتا بۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كىيىن شىركەت ئىگىلىرىگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ:
1- 2024-يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن كىيىن قۇرۇلغان شىركەتلەر رېنجىياۋ يەنى  لەۋزە قىلغان مەبلەغنى چوقۇم 5 يىل ئىچىدە شىجىياۋ يەنى ئەمەلىي تاپشۇرۇشى كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتىن كىيىن تىزىملىتىلغان شىركەتلەر شىركەت كاپىتالىنى بىكىتىشتە ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆۋەن ھالەتتە بىكىتىشى مۈمكىن.
2- 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ شىركەت نىزامنامىسىدىكى  لەۋزە قىلىنغان مەبلەغنى تاپشۇرۇش قەرەلى 5 يىلدىن ئۇزۇن بولغانلىرى تەدرىجى ھالدا 5 يىلغا تەڭشىشى ۋە بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئەمەلىي تاپشۇرۇشى كېرەك.بۇنداق بولغاندا چەكلىمە قويۇلمىغانلىقتىن تىزىملىتىلغان مەبلەغنى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق بىكىتىۋالغان شىركەتلەر مەبلەغ سوممىسىنى كىمەيتىشى ، پاي ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشى ياكى شىركەتنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈشى مۈمكىن.
يوقارقىلارنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟ بىز شىركەت تىزىملاتقاندا تىزىملىتىلغان مەبلەغ يەنى كاپىتالىنى بىكىتىمىز. 2014-يىلىدىن كىيىن شىركەت قۇرۇشتا كاپىتال سوممىسىنى ۋە لەۋزە قىلغان مەبلەغنى تاپشۇرۇش قەرەلىگە چەك قويۇلمىغان بولۇپ، ئەمەلىي مەبلىغى بولمىسىمۇ، 30 يىل ياكى 50 يىلدا ئەمەلىي تاپشۇرۇشقا لەۋزە قىلىپ شىركەت كاپىتالىنى 100مىڭ،500 مىڭ، 1 مىلىيۇن، ھەتتا نەچچە ئون مىلىيۇن يېزىۋېلىشقىمۇ بولاتتى. دىمەك، بىرپۇڭ ئەمەلىي مەبلەغ چىقارمايمۇ شىركەت تىزىملىتىشقا بولاتتى. بۇ قېتىمقى شىركەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىن تىزىملىتىلغان مەبلەغنى 5 يىل ئىچىدە شىركەت قانۇنى ۋەكىلىنىڭ شەخسى كارتىسىدىن شىركەت بانكا ھىساۋاتىغا يۆتكەش ئارقىلىق لەۋزە قىلىنغان مەبلەغنى تولۇقلاپ ئەمەلىي  تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىندى. گەرچە دەسلەپ شىركەت تىزىملاتقاندا يەنىلا تىزىملىتىلغان مەبلەغنى تۇنجى قېتىمدىلا تاپشۇرماستىن ئاسانلا تىزىملىتىشقا بولسىمۇ، لىكىن بۇ مەبلەغنى 5 يىل ئىچىدە تولۇقلاپ ئەمەلىي تاپشۇرۇش خېلى كۆپ شىركەت ئىگىلىرىگە نىسبەتەن قىيىنغا توختىشى مۈمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇن شىركەت تىزىملاتقانلارغا ئەسكەرتىدىغىنىمىز، ئەگەر تىزىملىتىلغان مەبلىغىڭىزنى 5 يىل ئىچىدە ئەمەلىي تاپشۇرۇشقا كۈچىڭىز يەتمەسلىكىنى ھىس قىلسىڭىز ۋاقتىدا مەبلەغ كىمەيتىشكە ئىلتىماس قىلىڭ ياكى لازىم بولمايدىغان ئارتۇقچە شىركەتلەرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرىۋىتىڭ. تىزىملىتىلغان مەبلەغنى كىمەيتىشكە ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى دۆلەت كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش سۇپىسىدا 45 كۈن ئېلان قىلىسىز، ئۇنىڭدىن كىيىن بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىغا تىزىملىتىلغان مەبلەغنى كىمەيتىش ئىلتىماسىنى سۇنىسىز. يېڭىدىن شىركەت تىزىملاتماقچى بولغانلارغا تەۋسىيەرىمىز، شىركەتنىڭ تىزىملىتىلغان مەبلىغىنى بەك كۆپ بىكىتىۋالماي، ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزگە قاراپ مۇۋاپىق بىكىتىڭ.
كىيىنكى فىلىمدا شىركەتنىڭ تىزىملىتىلغان مەبلىغى ۋە ئۇنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشىنىڭ تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرىمىز.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز، ماركا تىزىملاتماقچى بولسىڭىز، بارلىق ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، نەشىر ھوقۇقى، پاتېنت، تاۋار تاياقچە كود كىنىشكىسى، كارخانىلار ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىلىرىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، شىركەت تىزىملىتىش، مالىيە بۇغالتىرلىق ئىشلىرىغا ئىھتىياجلىق بولسىڭىز، تەكشىلىك ئېلان، ئورالما-چاپلاق ، ۋىۋىسكا قاتارلىقلارنى لايىھەلەتمەكچى بولسىڭىز شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. شىركىتىمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە بىرلىككە كەلگەن ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش تېلېفونى: 4000991831.
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى،
www.marka.cn 
مېنىڭ ئالاقە ئۈندىدارىمنى قوشىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۈندىدار نومۇرۇم 3935579.
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
 
 
 
ھەمبەھىرلەش