ئۈچ يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى تەڭشىشىگە، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك.

«شىركەت قانۇنى» نى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ساقلانما شىركەتلەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى قانۇن بويىچە تەڭشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك
 
 2023ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 29ـ كۈنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7ـ يىغىنىدا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىركەت قانۇنى» دېيىلىدۇ ) قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى،2024ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى تىزىملاش تۈزۈمى مۇھىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن ھېسابلىنىدۇ.
 «شىركەت قانۇنى» دا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىركەت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە رويىخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى تولۇق تاپشۇرۇشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «شىركەت قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تىزىمغا ئالدۇرۇپ قۇرۇلغان ساقلانما شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى تەدرىجىي تەڭشىشى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، چىقارغان مەبلەغ سوممىسىدا روشەن نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى شىركەتتىن تەڭشەشكە ۋاقتىدا دەۋەت قىلىشى تەلەپ قىلىندى.
يېڭى «شىركەت قانۇنى» نىڭ رويخەتتىكى كاپىتالىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش يېڭى تەلىپىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىركەتلەرنىڭ رويخەتتىكى كاپىتالىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ساھە جەمئىيەتلىرى، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، يەرلىك تىزىملاش ئورگانلىرى، گوۋۇيۈئەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى «گوۋۇيۈئەننىڭ < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى > دىكى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى تىزىملاپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى ( پىكىر ئېلىش نۇسخىسى )» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى دېيىلىدۇ ) نى تەييارلاشقا تەشكىللەپ، شىركەتلەرنى رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى قانۇن بويىچە تەرتىپلىك تەڭشەشكە يېتەكلەپ، بازار سودىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، سودا مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلىدى.

ئۈچ يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىپ، چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى تەڭشىشىگە، پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ پاي پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش كېرەك. شىركەتنى مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىنى تەرتىپلىك، تەمكىن، ئاقىلانە تەڭشەشكە يېتەكلەش، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى ئۈنۈملۈك مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، «شىركەت قانۇنى» نىڭ «تەدرىجىي» تەڭشەش تەلىپىگە ئاساسەن، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا «شىركەت قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قۇرۇلغان ساقلانما مىقدار شىركەتلەرگە ئۈچ يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىل تەسىس قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئۆتكۈنچى مەزگىل 2024ـ يىلى 7ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن 2027ـ يىلى 6ـ ئاينىڭ 30ـ كۈنىگىچە بولىدۇ. چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۆتكۈنچى مەزگىلدە مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى بەش يىلغا تەڭشىسە بولىدۇ،2032-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن مەبلەغ چىقىرىشنى تاماملىسا تەلەپكە ئۇيغۇن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتىنىڭ 2027 يىلى 7 ئاينىڭ 1 كۈنىدىن باشلاپ لەۋزى قىلغان قالدۇق مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى بەش يىلغا توشمىسا، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتىنى تەڭشەش ھاجەتسىز ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، پاي چەكلىك شىركىتى 2027 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن بۇرۇن سېتىۋالغان پاينىڭ پۇلىنى تولۇق تاپشۇرسا بولىدۇ.
دەل جايىدا تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ساقلانما مىقدار شىركەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىنىڭ بىنورمال ئەھۋالىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىش كېرەك. مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، مەبلەغ چىقىرىش سوممىسى روشەن بىنورمال بولغان شىركەتلەرنى مۇۋاپىق بېكىتىش ئۈچۈن، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى 30 يىلدىن يۇقىرى، مەبلەغ سوممىسى 1 مىليارد يۈئەن بولغان شىركەت بىنورمال ھۆكۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلسە، شىركەت تىزىملاش ئورگىنى كەسپىي ئاپپاراتلارنى تەشكىللەپ باھالىسا ياكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ، ئۆلكە دەرىجىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن،6 ئاي ئىچىدە تەڭشەشنى، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىنى مۇۋاپىق دائىرىگە تەڭشەشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىركەتنىڭ بەش يىللىق مەبلەغ چىقىرىش بەلگىلىمىسىنى تەتبىقلىمايدىغان كونكرېت ئەھۋالى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، دۆلەتنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ياكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، زور جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان پۇقراۋى، چەت ئەل مەبلىغى، دۆلەت مۈلكى قاتارلىق شىركەتلەر گوۋۇيۈئەننىڭ مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئەسلىدىكى مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى بويىچە مەبلەغ چىقارسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مەبلەغ كېمەيتىش ئېھتىياجىغا قارىتا، مەبلەغ چىقىرىش مۇددىتى، مەبلەغ چىقىرىش سوممىسىنى تەڭشەش تەرتىپى ۋە ماتېرىيالىنى ئەلالاشتۇرۇپ، توردا بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
 
شىركەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاشنىڭ كۈچلۈك چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، شىركەتنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ئارقىلىق پايچىكلارنىڭ قانۇن بويىچە مەبلەغ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا شىركەتنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسىدا لەۋزى قىلغان ۋە ئەمەلىي تاپشۇرغان مەبلەغ سوممىسى، مەبلەغ چىقىرىش ئۇسۇلى، مەبلەغ چىقىرىش ۋاقتى، تەشەببۇس قىلغۇچى سېتىۋالغان پاي سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە پايچىكلار تىزىملىكى، مالىيە مەلۇمات جەدۋىلى قاتارلىق پايچىكلار ئەمەلىي تاپشۇرغان ئالاقىدار چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرىنى يوللىشى ئېنىق تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە،  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىشقا قويۇپ، كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىركەتنىڭ مەبلەغ چىقىرىش ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، ئەينەن ئاشكارىلاشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، قانۇن بويىچە تەڭشەلمىگەن شىركەتلەرگە ئالاھىدە بەلگە قويۇش ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش كېرەك.
 پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا يېڭى «شىركەت قانۇنى» نىڭ قانۇن چىقىرىش مۇددىئاسى ۋە قىممەت يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، شىركەتنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بازار ئىجازىتى، بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىركەت ئېلان قىلغان ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە توغرىلىقىنى ئۆستۈرۈشكە، بازار تەرەققىيات كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سەمىمىي، تەرتىپلىك سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
ماقالە مەنبەسى: دۆلەت بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى تور بېكىتى
https://www.samr.gov.cn/xw/zj/art/2024/art_49d2d2390da64fc7bd5722d20b3665cc.html




ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 
ھەمبەھىرلەش