ماركا ھوقۇقىڭىز دەخلى-تەرۇزگە ئۇچرىغاندا بۇ قانۇن بەلگىلىمىلىرىدىن پايدىلىنىڭ

1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى:
 6ـ ماددا تىجارەتچىلەر كىشىلەردە باشقىلارنىڭ تاۋىرى ياكى باشقىلار بىلەن مۇئەييەن ئالاقىسى بار دىگەندەك  خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدىغان ۋە  ئارىلاشتۇرۇپ قويۇش ئىھتىمالى بولغان تۆۋەندىكىدەك  قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ:
( 1 ) باشقىلارنىڭ بەلگىلىك تەسىرى بولغان تاۋار نامى، ئورالمىسى، بېزەكلىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگىلەرنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىش؛
 ( 4 ) باشقىلارنىڭ تاۋىرى ياكى باشقىلار بىلەن مۇئەييەن ئالاقىسى بار دەپ خاتا قاراشقا كەلتۈرۈپ قويىدىغان باشقا  قىلمىشلار؛
18 - ماددا تىجارەتچىلەردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 6 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇۋىتىش قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاۋارلىرىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغانلارغا ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 250 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
2. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى
 57 - ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولىدۇ:
( 1 ) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋارغا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛
 ( 2 ) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ، ئاسانلا ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا؛
( 3 ) رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىنغان تاۋارنى ساتقانلار؛
 ( 4 ) باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋالغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسىغان ياكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسالغان بەلگىسىنى ساتقانلار؛
 60 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 57 - ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىدىن بىرى كۆرۈلۈپ ماجىرا تۇغۇلسا، ئالاقىدارلار كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ؛ كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ.
   سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر تەرەپ قىلغاندا، ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ بېكىتكەنلىرى ھوقۇققا دەخلى – تەرۈز قىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ، ھوقۇققا دەخلى - تەرۈز قىلىنغان تاۋارلار ۋە ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان تاۋارلارنى ياساشقا، رويخەتتىكى تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان قوراللار مۇسادىرە قىلىنىدۇ، كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەندىن ئاشقانلارغا قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى بولمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تىجارەت سوممىسى 50 مىڭ يۈئەنگە يەتمىگەنلىرىگە 250 مىڭ يۈئەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق چېقىلغانلار ياكى باشقا ئېغىر قىلمىشى بولغانلار ئېغىرلىتىپ جازالىنىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلمەي ساتقانلاردىن شۇ تاۋارغا ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىگەنلىرى ھەمدە تەمىنلىگۈچىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلىگەنلىرىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سېتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ.
  رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزگەنلىك تۆلەم سوممىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە، ئالاقىدارلار بىر تەرەپ قىلغان سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىدىن مۇرەسسە قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مۇرەسسەسى بىلەن، ئالاقىدارلار كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى مۇرەسسەنامە كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئادا قىلمىسا، ئالاقىدارلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنى» بويىچە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
 61 - ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ جىنايەت گۇمانى تۇغدۇرغانلىرىنى ئەدلىيە ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.
 62 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق گۇمانىغا دائىر دەلىل - ئىسپات ياكى پاش قىلىش ماتېرىيالىغا ئاساسەن،
باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا، تۆۋەندىكى خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزسە بولىدۇ:
( 1 ) ئالاقىدارلاردىن گەپ سوراش، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈش؛
 ( 2 ) ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك توختام، تالون، ھېسابات دەپتىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش؛
( 3 ) ئالاقىدارلار باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلدى دەپ گۇمان قىلىنغان سورۇننى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش؛
( 4 ) ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى تەكشۈرۈش؛ باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپات بار بۇيۇملارنى پېچەتلىسە ياكى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ھەمكارلىشىشى، ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا، توسقۇنلۇق قىلىشقا بولمايدۇ. تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلولىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش كۆرۈلسە ياكى ھوقۇق ئىگىسى خەلق سوت مەھكىمىسىگە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا چېقىلىش دەۋاسى قىلغان بولسا، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ. توختىتىپ تۇرۇش سەۋەبى تۈگىگەندىن كېيىن، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك.
 63 - ماددا تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش تۆلەم سوممىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن تارتقان ئەمەلىي زىيىنى بويىچە بېكىتىلىدۇ؛ ئەمەلىي زىياننى بېكىتىش قىيىن بولسا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش تۈپەيلىدىن ئېرىشكەن پايدىسى بويىچە بېكىتىلسە بولىدۇ؛ ھوقۇق ئىگىسىنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچى ئېرىشكەن پايدىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىلىك سانىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا يامان نىيەتتە چېقىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تۆلەم سوممىسى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلگەن سوممىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن بېكىتىلسە بولىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
   خەلق سوت مەھكىمىسى تۆلەم سوممىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن، ھوقۇق ئىگىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن دەلىل ـ ئىسپات كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىياللارنى ئاساسلىقى ھوقۇققا دەخلى ـ تەرۇز قىلغۇچى ئىگىلىگەن ئەھۋالدا، ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىنى ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىش ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشكە بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ھوقۇققا دەخلى -تەرۇز قىلغۇچى  ھېسابات دەپتىرى، ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىمىسە ياكى ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىسە، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەمىنلىگەن دەلىل ـ ئىسپاتلاردىن پايدىلىنىپ تۆلەم سوممىسىنى بېكىتسە بولىدۇ.
  ھوقۇق ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلغانلىقتىن ئۇچرىغان ئەمەلىي زىيان، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ھوقۇققا چېقىلىپ ئېرىشكەن پايدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتىش تەس بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىغا قاراپ 5 مىليون يۈئەندىن تۆۋەن تۆلەم بېرىش ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. خەلق سوت مەھكىمىسى تاۋار ماركىسى ماجىراسى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋارنى ياساشقا ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال، سايمانلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ؛ ياكى ئالاھىدە ئەھۋالدا، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىيال، سايمانلارنى سودا يولىغا كىرگۈزۈشنى مەنئى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ھەمدە تۆلەم بەرمەيدۇ.
65 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ياكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بارلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا باشقىلارنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ياكى قىلىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا توسمىسا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل - ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلىسە، دەۋا قىلىشتىن بۇرۇن خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئالاقىدار قىلمىشلارنى توسۇشقا بۇيرۇش ۋە مال - مۈلۈكنى ئامان ساقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
 67 - ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپ، بىر خىل تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ياسىۋېلىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياساپ ياكى ياسىۋېلىنغان، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ياسالغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى سېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىۋېلىنغان تاۋار ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر ھوقۇقى چېقىلىنغۇچىنىڭ زىيىنىنى تۆلىگەندىن سىرت، قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.




ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 

ھەمبەھىرلەش