ماركا ئىگىلىرى ماركىنى ئەمەلىي ئىشلەتكەندە بۇ نۇقتىلارغا چوقۇم دىققەت قىلىڭ

ماركا ئىلتىماسىڭىز دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلىنىپ، ماركا كىنىشكىسى تارقىتىلغان بولسا ، ماركا كىنىشكام چىقتى دەپ پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولۇپ كەتمەي، تۆۋەندىكى ئىشلارغا ئالاھىدە دىققە ت قىلىڭ:
1- ماركىنى ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرى بويىچە توغرا ئىشلىتىڭ، ماركا كىنىشكىسى ئۈستىدىكى دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەستىقلىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىدىن ھالقىپ ئىشلىتىپ بىلمەيلا باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىپ قالماڭ.شۇنداقلا ماركىنى ئىشلەتكەن تاۋار ئورالمىسى، ۋىۋىسكا، ئېلان تەشۋىقات، توختام-ھۆججەت،ئۈن-سىنلارنى ياخشى ساقلاپ قۇيۇڭ.
2- ماركىنى قانداق ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز شۇنداق ئىشلىتىڭ. ماركا بەلگىسى رەڭسىز ئىلتىماس قىلىنغان بولسا رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، رەڭلىك ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز پەقەت شۇ خىل رەڭنىلا ئىشلىتىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ماركا بەلگىسى ئۈستىدىكى يېزىق، شەكىللەرنىڭ ئورنىنى، چوڭ-كىچىكلىكىنى، خەت نۇسقىسى قاتارلىقلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇ خىل قىلمىش دۆلىتىمىز ماركا قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، ماركىنى ئۆلچەمسىز ئىشلىتىش بولۇپ ھىسابلىنىپ، ماركا تالاش-تارتىشلىرىدا يېڭىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن.ئەگەر چوقۇم ئۆزگەرتىش زۈرۈر بولسا ئۆزگەرتكەن ھالىتىنى قايتىدىن رويخەتكە ئىلتىماس قىلىڭ.
3- باشقىلار ماركىڭىزنى سەۋەبسىز ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىدى دەپ دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى ئىناۋەتسىز قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا دۆلەت ماركا ئىدارىسى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى سىزنىڭ ماركا كىنىشكىڭىزدىكى ئادرېسىڭىزغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىدۇ، بۇنىڭغا ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرمىسىڭىز ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۈمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا كىنىشكىسىدكى ئادرېسىڭىزدا ئۆزگىرىش بولغاندا دەل ۋاقتىدا يېڭى ئادرېسقا ئۆزگەرتىۋېلىڭ. شىركەت نامىدىكى ماركىلار ئەگەر شىركەت نامى ئۆزگەرسە ياكى شىركەت تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈلسە ماركا كىنىشكىسىدىكى ماركا ئىگىسى ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىۋېلىڭ ياكى ماركىنى ئىناۋەتلىك باشقا شىركەت ياكى شەخس نامىغا يۆتكىۋېلىڭ.
4- ماركىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش ماتېرىياللار سىزنىڭ ئادرېسىڭىزغا پوچتىدىن ئەۋەتىلگەندىن باشقا يەنە سىزگە ماركا كەسىپلىرىنى ۋاكالىتەن بىجىرىپ بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ئىچكى سېستىما ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ، بۇ ماتېرىياللارنى سىزگە يەتكۈزۈش ئۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ياكى مەسئۇلىيىتى بولمىسىمۇ لېكىن كەسپىي ئەخلاق جەھەتتىن نۇرمال قىلىشقا تىگىشلىك ئىش. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى تولا ئالماشتۇرۇپ ياكى ئالاقىنى ئۈزۈپ قويماڭ، شۇنداقلا باھانىلا قوغلىشىپ كىيىنكى سۈپەت، مۇلازىمەتنى چىڭ تۇتمايدىغان ئۆتكۈنچى، مەسئۇلىيەتسىز ماركا ۋاكالەتچىلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ.
5- ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولۇپ، ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتسە ماركىڭىز ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىز تەستىقلانماسلىقى مۈمكىن.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ ئايرىم مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: marka991
ھەمبەھىرلەش
  • ئالدىنقى مەزمۇن: 最后一页
  • كېيىنكى مەزمۇن: شىركەت خوجايىنلىرى بۇياققا دىققەت قىلىڭ.