ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتقان ياخشىمۇ ياكى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغان ياخشىمۇ؟

تاۋار ماركىسىنىڭ 10 يىللىق ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشقاندىن كىيىن قايتا ئىلتىماس قىلغان ياخشىمۇ ياكى ۋاقتىنى ئۇزارتقان ياخشىمۇ؟
بىرقىسىم ماركا ئىگىلىرى ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىنىڭ ماركىنى يېڭى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىن يوقۇرى ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ئازراق پۇلنى تىجەش ئۈچۈن ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلماستىن شۇ ماركىنى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشنى تاللايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ چوڭ خاتالىق بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئەسلىدىكى ماركىڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزىۋىتىپ ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندىن باشقا، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغان ماركىڭىز تەستىقلانماسلىقى مۈمكىن، چۈنكى 10 يىل بۇرۇنقى ماركا تەكشۈرۈش ئۆلچەم بەلگىلىمىلىرى بىلەن ھازىرقىدا ئۆزگىرىش ۋە پەرق بار ، تەلەپ بارغانسىرى يوقۇرىلاپ مېڭىۋاتىدۇ، ئىلتىماس قىلىنغان ماركا سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىنغان ماركىنىڭ تەستىقلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرگۈچى خىزمەتچى-خادىملارنىڭ كەسپىي سەۋىيىسى، ئىچكى كۆز قارىشى قاتارلىقلارمۇ ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ،ئوخشىمىغان تەكشۈرگۈچىنىڭ ئوخشاش بىر ماركا ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە پەرق بولۇشى مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق پۇلنى تىجەيمەن دەپ بىر ئوبدان تاۋار ماركىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماي دىسىڭىز ۋاقتى توشقان ماركىڭىزنى چوقۇم ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىپ ساقلاپ قېلىڭ. 
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: 
marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
ھەمبەھىرلەش