ھەر كەسپنىڭ ئۆزىگە لايىق مەشغۇلات تەرتىۋى، قائىدە-تۈزۈمى بولىدۇ

بىرقىسىم خېرىدارلىرىمىز بىز ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى ۋە بۇغالتىرلىق كەسپىنى قىلىدىغانلارنى ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىپ ئاسانلا پۇل تاپىدۇ دەيدۇ. لېكىن ھەر كەسىپنىڭ ئۆزىگە لايىق جاپاسى بارلىقىنى شۇ كەسپنى قىلىپ باققانلار ئۆزى بىلمىسە باشقىلار ھىس قىلالمايدۇ. بىزنىڭ خىزمىتىمىز ئاساسەن يان تېلېفون ۋە كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلىدىغان خىزمەت، بەزىدە بىركۈندە 10-12 سائەتلەپ كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىمىز، نەچچە يىللاپ مۇشۇنداق ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىپ سالامەتلىكتىنمۇ مەسىلە چىققىلى تۇردى،بەزىدە ئۆزەمنى نېمە دەپ تەنتەربىيىچى بولۇپ قالمىغاندىمەن دەپ قالىمەن، شۇنداق بولسا بىر تەرەپتىن ھەرىكەت قىلغاچ خىزمىتىم تاماملىنىتى، سالامەتلىككىمۇ پايدىلىقتى دە.
ھەر كەسپنىڭ ئۆزىگە لايىق مەشغۇلات تەرتىۋى، قائىدە-تۈزۈمى بولىدۇ، بەزىلەر ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدۇ، بەزىلەر ئۆرە تۇرۇپ ، بەزىلەر سەكرەپ،بەزىلەر سۆزلەپ ، بەزىلەر يۈگۈرۈپ خىزمەت قىلىدۇ، مېنىڭچە ھەممەيلەن ئۇزۇن مۇددەت بىرخىل خىزمەت قىلىۋەرسە ئۇنىڭدىن زىرىكىش، ھارغۇنلۇق ھىس قىلىشى مۈمكىن.
مانا مەن ئۆرە تۇردۇم، ئۆرە تۇرىۋالسام  كومپىيۇتېردا مەشغۇلات قىلغىلى بولمايدۇ دە. ئەگەر مەن بۇ كەسپىمنى ياخشى كۆرمىگەن بولسام بۇرۇنلا كەسىپ ئالماشتۇرۇپ بولاتتىم.
 كۈندە 30-40 ئادەمنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تىگىشلىك مەسلىھەت بېرىمەن،نەچچە مىنۇتلاپ ئەۋەتكەن ئاۋازلىق گەپلىرىنى ئاڭلايمەن،ماركا تەكشۈرۈپ ئۈتۈش-ئۆتمەسلىكىنى تەھلىل قىلىمەن. بەزىلەر كۈنلەپ، ھەپتىلەپ، ھەتتا ئايلاپ مەسلھىەت سورايدۇ، خېرىدار ساقلاپ قالمىسۇن دەپ مۇھىم ئىشلىرىمنى، دەم ئېلىشلىرىمنى تاشلاپ دەل ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرسام بىكار قالغان ئوخشايدۇ دەپ قالامدىكىن، مەسلىھەتنى سوراۋىرىدۇ، ھەممىنى دىيىشىپ كەسىپ بىجىرىدىغان ۋاقىتتا جىممىدە يوقاپ كىتىدۇ، ئادەمنىڭ ئەمگىكىنى قەتئىي ھۆرمەتلىمەيدۇ. ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا تۆلىگەن پۇل قايتۇرۇلمايدۇ دەپ ئېنىق چۈشەندۈرسەم ماقۇل دەپ، ئاخىرىدا ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا پۇلنى قايتۇرۇڭلا دەيدىغان ئۇششۇقلارمۇ ئازتولا ئۇچراپ تۇرىدۇ. بەزىدە ئۈمىتسىزلىنىپ كەسىپ ئالماشتۇرۇرۇشنىمۇ ئويلاپ قالىمەن، لېكىن، 10 يىلدىن ئارتۇق قىلغان ياخشى كۆرىدىغان كەسپىم بولغاچقا جاپالىق بولسىمۇ چىدايمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەسىپ ئالماشتۇرسام نەچچە يۈزلىگەن ماركا ئىگىلىرىنىڭ ئىشلىرى چالا قالىدۇ، ئۇلارغا زىيان بولسا يۈز كىلەلمەيمەن.
گەپنىڭ قىسقىسى، ئىسنىڭ ئاچچقىنى مورا بىلىدۇ، ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارغا قارىسىغا باھا بەرمەيلى.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: 
marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
 
ھەمبەھىرلەش