تاۋار ماركىسى مۇھىممۇ ياكى ئەسەر ھوقۇقىمۇ؟

بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە تاۋار ماركىسى مۇھىممۇ ياكى ئەسەر ھوقۇقىمۇ دېگەننى چۈشەندۈرۈپ قويماقچى.
ئالدى بىلەن شۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز كىرەككى، تاۋار ماركىسىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا رويخەتكە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىمىز، ئىلتىماسىمىز تەستىقلانغاندىن كېيىن ماركىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش، يەنى مونۇپۇللۇق ھوقۇقىغا ئىگە بولىمىز، بىزنىڭ ماركا ھوقۇقىمىز دۆلىتىمىزنىڭ ماركا قانۇنى بويىچە قوغدىلىدۇ، خاتىرجەم ھالدا ماس كەلگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە ئىشلەتسەك بولىدۇ.
ئەگەر تاۋار ماركىسى بەلگە-شەكىل، يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا  ئىجادىيلىققا ئىگە لايىھەلەنگەن بولسا ، شۇنداقلا بۇ لايىھەنى باشقىلارنىڭ بىز ماركىغا رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان ماركا تۈرلىدىن باشقا تۈرگە ئىلتىماس قىلىۋېلىشى ياكى باشقا شەكىلدە  كۆچۈرۈپ ،دوراپ ئىشلىتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولساق دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىغا ياكى ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسىغا ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملىتىپ ئىسپات چىقىرىمىز. ئەسەر ھوقۇقى دۆلىتىمىز نەشىر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە ماركا بەلگىسىنىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈشىنى قوغدايدۇ، ھەرگىزمۇ ماركا بەلگىسى ئۈستىدىكى يېزىق ئىپادىلىگەن مەنانى ئەمەس. يېزىق قىسمىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئىستىمالچىلارنىڭ ئىسىدە قالىدىغان مەنانى قوغدىماقچى بولساق يەنىلا تاۋار ماركىسىغا ئىلتىماس قىلىمىز.
خولاسىلىگەندە، تاۋار ماركىسى بىلەن ئەسەر ھوقۇقى ئوخشىمىغان ئورۇنلار تەرىپىدىن بىجىرىلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بولۇپ، ھەر ئىككىسى مۇھىم، بىز قايسى خىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىمىزنى قوغدىماقچى بولساق شۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىپ قوغدىساق بولىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بەلگە -شەكىل، يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن ، يەنى لوگولۇق تاۋار ماركىلىرىنى ماركىغا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىپ قوغداشنى تەۋسىيە قىلىمىز. چۈنكى تاۋار ماركىسى بىلەن ئەسەر ھوقۇقى ئۆز - ئارا تولۇقلاپ قوغداش رولىغا ئىگە.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ.
مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم: 
marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
تور ئادرېسى:  
www.marka.cn 
ھەمبەھىرلەش