تاۋار-مەھسۇلات تۈرىگە ماركا ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، ئورالما قاپ، ئورالما خالتا تۈرىگىمۇ شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەكمۇ؟

تاۋار-مەھسۇلات تۈرىگە ماركا ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، ئورالما قاپ، ئورالما خالتا تۈرىگىمۇ شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلىش كېرەكمۇ؟
جاۋابى شۇكى، بۇنىڭ زۈرۈرىيىتى يوق.
ھەممەيلەن بىلىمىز، خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن تاۋار-مۇلازىمەت 45 چوڭ تۈرگە ئايرىلغان، بۇنىڭ ئالدىنقى 34 تۈرى ئەمەلىي تاۋار يەنى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ تۈرى، كىيىنكى 11 تۈر بولسا مۇلازىمەت تۈرى.
مەن ئەمەلى كەسىپ بىجىرىش جەريانىدا بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ باشقا ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزى ئىشلەپچىقارماقچى بولغان تاۋار-مەھسۇلاتنىڭ ماس كەلگەن تۈرىگە ماركا ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، 16-تۈردىكى ئورالما قاپ، خالتا تۈرىگىمۇ شۇ ماركىنى ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ماڭا دىدى، نېمە ئۈچۈن 16-تۈرگە ئىلتىماس قىلدىڭىز دەپ سورىسام،  شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكىلەر ئورالما تۈرىگە ماركا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز بۇ ماركىنى مەھسۇلاتنىڭ ئورالمىسىغا ئىشلىتەلمەيسىز دىگەنتى دەپ جاۋاپ بەردى. شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكى خادىم راستىنلا ماركىنىڭ تاۋار- مۇلازىمەت تۈرلىرىنى تولۇق چۈشەنمەمدۇ ياكى قەستەن بىرەر ماركىنى ئارتۇق تىزىملاتقۇزۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلدىمۇ بىلمىدىم. مەن بۇ فىلىم ئارقىلىق شۇنى چۈشەندۈرمەكچى، سىز مەلۇم مەھسۇلات ئىشلەپچىقارماقچى بولدىڭىز، مەسىلەن، ئۇن ئىشلىمەكچى دىسەك، ئۇن 30-تۈرنىڭ 8- گۇرۇپپىسىدا. پەقەت ئۇنغا ئىشلەتمەكچى بولغان ماركىنى مۇشۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلىپ قوغدىساقلا ئۇننىڭ خالتىسىغا شۇ ماركىنى بېسىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنى ئورالمىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن يەنە 16-تۈردىكى ئورالما قاپ، خالتا تۈرىنى قوغداپ ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. 16-تۈردىكى ئورالما قاپ، يەشىك، خالتا دېگەنلەر بازاردا توپ سېتىلىدىغان قۇرۇق يەشىك، قۇرۇق خالتا بولۇپ، شۇ ماركىنى ئاشۇ يەشىك، خالتىلارنىڭ ئۈستىگە ماركا قىلىپ بازاردا سېتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن، تاللا بازارلىرىدا سېتىۋالغان ماللارنى قاچىلايدىغان خالتا، تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يېمەكلىك خالتىسى، ئەخلەت خالتىسى قاتارلىقلار.

شۇنىڭ ئۈچۈن تاۋار-مەھسۇلاتنىڭ ماس كەلگەن تۈرىنى ئىلتىماس قىلساقلا شۇ ماركىنى ئاشۇ تاۋار-مەھسۇلاتنىڭ ئورالما قاپ، خالتىلىرىغا بېسىپ ئىشلەتسىڭىز بولىۋىرىدۇ. قىسقىسى، ئارتۇقچە پۇل خەجلەشنىڭ ھاجىتى يوقتى دىمەكچى.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى:
www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش