ماركا نامى يۆتكەلگەندىن كىيىن يېڭى ماركا كىنىشكىسى تارقىتىلامدۇ؟

ماركا نامى يۆتكەلگەندىن كىيىن يېڭى ماركا كىنىشكىسى تارقىتىلامدۇ؟
نەقلا جاۋابى- يېڭى ماركا كىنىشكىسى تارقىتىلمايدۇ، پەقەت ماركا نامى يۆتكەلگەنلىك ئىسپاتى چىقىدۇ.
ماركا نامىنى يۆتكەش ماركا ئېلىم- بىرىم ئىشلىرىدا بىجىرىلىدىغان بىر قەدەر مۇھىم  كەسپ بولۇپ، سىز ئۆزىڭىزنىڭ نامىدىكى مەلۇم بىر ماركىنى باشقىلارغا ساتقان ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسىڭىز ۋە ياكى باشقىلارنىڭ نامىدىكى مەلۇم بىر ماركىنى سېتىۋالغان ياكى سىزگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا چوقۇم دەل ۋاقتىدا ماركا نامىنى يۆتكەش كەسپىنى بىجىرىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ ماركىنىڭ ھوقۇقى يەنىلا ئەسلى ماركا ئىگىسىدە بولۇپ، ماركا نامى يۆتكەلمەكچى بولغان كىشىنىڭ ماركا ھوقۇقى قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئاسانلا تالاش-تارتىش ئاۋارىچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ.
لېكىن شۇ ئېنىق بولسۇنكى، ماركا نامىنى يۆتكەش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى پەقەت ماركا نامىنىڭ يۆتكەلگەنلىك ئىسپاتىنىلا چىقىرىدۇ، ھەرگىزمۇ ماركا نامى يۆتكەلگەن كىشىنىڭ نامىدا ماركا كىنىشكىسىنى قايتا بېسىپ چىقىرىپ بەرمەيدۇ. بۇ دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەلۇم ماركا ۋاكالەتچىسى قەستەن چىقىرىپ بەرمىگەن ياكى چالا بىجىرىپ قويغان ئىش ئەمەس. ماركا نامى يۆتكەلگەنلىك ئىسپاتىنىڭ ئاستى تەرىپىدىمۇ ئېنىق قىلىپ« بۇ ئىسپات ماركا كىنىشكىسى بىلەن بىللە ئىشلىتىلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن. مانا بۇنىڭدەك:


ئەگەر سىز ماركا نامى يۆتكەلگەن كىشىنىڭ نامىدىكى ماركا كىنىشكىسىگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. يەنىمۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ بارلىق ماركا كەسىپلىرى ئىچىدە ماركا تىزىملىتىش كەسپىنىڭ ئورگان تەرەپ ھەققى ئەڭ تۈۋەن بولۇپ، ماركا نامىنى يۆتكەش، ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش قاتارلىق باشقا كەسىپلەرنىڭ باھاسى خېلىلا يوقۇرى.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
 تور ئادرېسى:
www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش