ھەممە كەسىپلەردە ساختىپەز، ئالدامچىلار چىقىپ قالىدۇ، بىزنىڭكىدەك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسىپلىرىدىمۇ بۇنداقلار يوق ئەمەس

مەن ماركا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 10 يىل بوپتۇ، بۇ جەرياندا نەچچە مىڭلىغان ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار مەندىن ماركا ئىشلىرى توغرىلىق مەسلىھەت سوراپ، خېلى كۆپ قىسىملىرى ماركا كەسپلىرىنى شىركىتىمىزگە ھاۋالە قىلىپ بىجىردى، بەش بارماق تەڭ بولمىغاندەك، مەندىن مەسلىھەت سوراپ كەسىپ بىجىرگەنلەرنىڭمۇ مەدەنىيەت سەۋىيىىسى، مىجەز-خۇلقى، كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ. ھەممىدىن بەك مېنى ھاردۇرىدىغىنى ھە دىسىلا گۇمانلىق سوئاللارنى سورايدىغان، شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ، ئەمەلىيەتنى كۆرسەتسەممۇ يەنىلا ماڭا تولۇق ئىشىنىپ بولالمايدىغان، مەندەك 10 يىللىق كەسپىي تەجرىبىسى بار ئادەم مەخسۇس ماركا كەسپلىرى توغرىلىق شۇنچە ئەستايىدىل، توغرا مەسلىھەت بەرسەممۇ، يەنىلا ماڭا ئىشەنمەي، ئەتراپىدىكى بۇرۇن ماركا ئىلتىماس قىلىپ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالغانلارنىڭ يۈزەكى گەپلىرىگە ئىشىنىپ، شۇلارنىڭ دىگىنىنى راست، مېنىڭ دىگەنلىرىمنى گۇمانلىق دەپ قارايدىغان، ھەتتا ماڭا ماركا كەسپلىرى توغرىلىق ئاددىي ساۋاتلارنى چۈشەندۈرىمەن دەپ مېنىڭ سالاھىيىتىمنى ئۇنتىغان ھالدا  ۋاقتىمنى، زىھنىمنى ئىسراپ قىلىدىغانلاردۇر. مەن مەخسۇس مۇشۇ كەسپ بىلەن ئون يىلدەك شۇغۇللانغان ئادەم، ئەجىبا شۇ كەسپىي ساۋاتلارنى مەن چۈشەنمەسمەنمۇ؟ خۇددى نان ئالغىلى بېرىپ، ناۋاي ئۇستامغا خېمىر يۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ لازىم بولىدۇ، نان پىشۇرۇش ئۈچۈن تونۇرغا ئوت يېقىش كېرەك دىگەندەك دىمىسىمۇ بولىدىغان قۇرۇق گەپلەرنى قىلسا كىمنىڭ قولىقىغا خوش ياقىدۇ.
ھەممە كەسىپلەردە ساختىپەز، ئالدامچىلار چىقىپ قالىدۇ، بىزنىڭكىدەك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسىپلىرىدىمۇ بۇنداقلار يوق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىھتىياتچان بولۇش ئىنتايىن توغرا، لېكىن، ئىھتىياتچانلىق بەك ئېشىپ كەتسىمۇ سەمىمىي ، ئەستايىدىل ئىش قىلىدىغانلارغا ئاۋارىچىلىق بولىدىغان ئىشكەن.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
 تور ئادرېسى:
https://www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش