ماركا ئىلتىماس قىلىپ ماركا كىنىشكىسى تەستىقلانسا ئاندىن ھەق تاپشۇرىسىز، تەستىقلانمىسا ھەق ئېلىنمايدۇ

ماركا ئىلتىماس قىلىپ  ماركا كىنىشكىسى تەستىقلانسا  ئاندىن ھەق تاپشۇرىسىز، تەستىقلانمىسا ھەق ئېلىنمايدۇ،ئالدىن بىرپۇڭ خەجلىمەيسىز ... دېگەندەك ماركا ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى بۇندىن  2يىللار بۇرۇن ئىچكىرى شەھەرلەردىكى بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئاڭلىماققىلا ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، دىمىسىمۇ بىرپۇڭ خەجلىمەي ماركا ئىلتىماس قىلىدىغان، ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانسا  ھەق تاپشۇرىدىغان، تەستىقلانمىسا ھەق تاپشۇرمايدىغان بۇنداق ياخشى ئىش بولسا ماركىغا ئىھتىياجى يوقلارنىڭمۇ ئىلتىماس قىپ قويغىسى كېلىدۇ. تەستىقلىنىپ قالسا ھېچ بولمىسا سېتىپ ئاز-تولا پايدا ئالالايدۇ ئەمەسمۇ. لېكىن راستىنلا مۇشۇنداق ياخشى ئىش بامىدۇ؟ بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار، بېلىقچىنىڭ يەمچۈك تاشلىشى نەپسى ئۈچۈن، بېلىقنىڭ قارماققا ئىلىنىشىمۇ نەپسى ئۈچۈن. پايدا-مەنپەئەت ئالدىدا بىرقىسىم كىشىلەر ئاقىۋىتىنى ئويلاشقا ئۈلگۈرمەيلا ساختىپەزلىككە ئۆزىنى ئاتىدۇ.
يېقىندا ئىچكىرى شەھەرلەردىكى بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ بىۋاستە تارقىتىشىنى كۆردۈم، بۇنىڭدا دەل يوقارقىدەك ماركا ئىلتىماس قىلىش سودا تاكتىكىسىنى يۈرگۈزگەن مەلۇم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ مەسئۇلى بۇ توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇخىل ماركا ئىلتىماس قىلىش ئەندىزىسى كونا ،تۇنۇش خېرىدارلارغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، يېڭى ياكى ئۆتكۈنچى خېرىدارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاخىردا لەۋزىدە تۇرماي، زىيان سالىدىكەن ۋە سوتلىشىدىغان ئەھۋال كۆپكەن. مەن بۇلارنىڭ تاكتىكىسىنى بەكرەك چۈشىنىپ باقسام، ئەسلى ئىش مۇنداقكەن: سىز ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز ، ئۇلار دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان ئورگان تەرەپ ھەققى، ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنغاندا تاپشۇرىدىغان قايتا قاراپ چىقىش ھەققى دىگەندەك ھەقلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ تاپشۇرىدىكەن، سىز پەقەت ماركا رەسمىي تەستىقلانسا ئاندىن ھەق تاپشۇرىدىكەنسىز. تەستىقلانمىسا ھەق تاپشۇرمايدىكەنسىز. لېكىن بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكىلەر بىلەن توختام تۈزىدىكەنسىز، توختامنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولسا، ئالدىن بىر پۇڭ خەجلىمەي ماركا ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتىنىڭ ئەسلى باھاسى 6800 يۈەن، ھازىرقى ئىتىبار باھاسى 2800 يۈەن،دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان ئورگان تەرەپ ھەققىنى ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالىدۇ، سىز پەقەت ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانسا 2800 يۈەن ھەق تاپشۇرىسىز، تەستىقلانمىسا بىر پۇڭ تاپشۇرمايسىز. ئەگەر ماركا ئىلتىماسى تەستىقلىنىپ، توختامدا دىيىشكەن بويىچە مەلۇم مۆھلەت ئىچىدە 2800 يۈەن پۇلنى تاپشۇرمىسىڭىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئۈستىڭىزدىن سوتقا ئەرز قىلىدىكەن، بۇ چاغدا سىز ئەسلى باھاسى بويىچە 6800 يۈەن تاپشۇرىدىكەنسىز. ئۇنىڭدىن باشقا، تەستىقلىنىش ئىھتىماللىقى بەك تۆۋەن ماركىلارنى ھەرگىز يوللاپ بەرمەيدىكەن، ھەم ئىلتىماس قىلغان 10 كىچىك تۈر ئىچىدىن بىرسىگە ئۆتسىمۇ يوقارقى ھەقنى نىسبەت بويىچە تاپشۇرىدىكەنسىز. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، يەمچۈك تاشلاپ قىزىقتۇرۇپ، قارماققا ئىلىندۇرىدىكەن. بىر بالاسى بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا دىگەن بەك توغرا ئېيتىلغان سۆز.  كۆپچىلىك ياخشى ئويلاپ بېقىڭلا، كىممۇ پايدا چىقمايدىغان سودا-تىجارەتنى قىلىشنى خالايدۇ. زىيان چىقىدىغان سودىنى قىلغاندىن يۇمشاق سافادا يانتۇ يېتىپ دوۋيىن ئوينىغان جانغا ئارامغۇ.
قىسقىسى، بىلىم - مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىمۇ ئەرزان باھا ياكى باشقا ساختا تەشۋىقاتلار بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلىپ ئاخىرىدا ئېغىر زىيان سالىدىغانلار يوق ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، كەسپىي ئىشلاردا ئەرزاننى ئەمەس، ئىشەنچلىك، ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان، ئاخىرغىچە مەسئۇل بولالايدىغان ئورۇننى تاللاڭ. باھا چۈشكەنسىرى سۈپەت ناچارلىشىدۇ، دەسلەپ پايدا ئالغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئاخىرىدا ئەسلىدىكىدىنمۇ ئېغىر زىيان تارتىپ قالىسىز.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى:
www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش