ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش كەسپىگە ئىھتىياجلىقمۇسىز؟

ئالدىنقى دىگەندەك، ماركا نامىنى يۆتكەش كەسپىنى بىجىرگەندىن كىيىن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى پەقەت ماركا نامى يۆتكەلگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىدۇ، يېڭىدىن ماركا كىنىشكىسى تارقاتمايدۇ. توردا شۇ ماركىنى تەكشۈرگەندە ماركا ئىگىسى دىگەن يەردە ماركا نامى يۆتكەلگەندىن كىيىنكى تەرەپنىڭ ئىسمى يېزىلىدۇ. لېكىن ماركىنى ئەمەلىي قوللىنىش جەريانىدا بەزىدا شۇ ماركىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ماركىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغاندا ماركا كىنىشكىسىدىكى ئىسىم ئوخشىمىغاچقا ئاز بىرقىسىم ئورۇنلار شۇنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدىغان ياكى ئىسپاتلاش قىيىن بولىدىغان ئەھۋاللار ئۇچراپ قېلىشى مۈمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا بىز ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىش كەسپىنى بىجىرىپ ماركا نامى يۆتكەلگەندىن كىيىنكى يېڭى ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقارساق بولىدۇ.لېكىن ، ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى يەنە ھەق ئالىدۇ،بۇنىڭ باھاسى ماركا نامى يۆتكەش ھەققى بىلەن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، بۇمۇ بىر چىقىم. ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ چىقىرىشنىڭ چىقىم بىرقەدەر تۆۋەن بولغان يەنە بىر ئۇسۇلى بار، ئەگەر سىز مۇشۇ كەسپكە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز مەن بىلەن ئايرىم ئالاقىلىشىڭ، مەن سىزگە يول كۆرسىتەي.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ.
 تور ئادرېسى: 
www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش