ماركا ئىلتىماس قىلىشقا نېمە ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ؟

بازار باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تىجارەت كىنىشكىسى، يېمەكلىك ئىجازەتنامىسى قاتارلىق كىنىشكىلەرنى بىجىرگەندە ھەق ئالمايدۇ، باج ئىدارىسىمۇ مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى بىجىرگەنگە ھەق ئالمايدۇ، تاماكا ئىدارىسىمۇ تاماكا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى بىجىرگەنگە ھەق ئالمايدۇ ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ماركا  كەسپلىرىنى بىجىرگەندە ئورگان تەرەپ ھەققى ئالىدۇ؟
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 72- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش ياكى تاۋار ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا  كەسپلەرنى بىجىرگەندە ھەق تاپشۇرۇشى كېرەك، كونكىرت ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئايرىم بىكىتىلىدۇ.
جوڭخۇا خەق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش نىزامىنىڭ 18- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى تولۇق، بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تولدۇرغان ۋە ھەق تاپشۇرغانلىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسى قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇقتۇرۇش تارقىتىدۇ. تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان، بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى تولدۇرمىغان ياكى ھەق تاپشۇرمىغانلىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسى قۇبۇل قىلمايدۇ ۋە سەۋەبىنى ئۇقتۇرىدۇ.
دىمەك، تاۋار ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك كەسپلەرنى بىجىرگەندە دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئورگان تەرەپ ھەققى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئەسەر ھوقۇقى، پاتېنت، تاياقچە كود كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى بىجىرىشكىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئورگان تەرەپ ھەققى ئالىدۇ. ئەلۋەتتە، يوقارقى كەسپلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋاكالەتچىلەرگە ھاۋالە قىلىپ بىجىرسىڭىز يەنە ۋاكالەتچىلىك ھەققى تاپشۇرىسىز، ئۆز ئالدىڭىزغا بىجىرسىڭىز  قىيىنچىلىققا ئۇچرىشىڭىز، ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولۇشى مۈمكىن. قىسقىسى، قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويغىنى ياخشى. سىز ئۆز تىجارىتىڭىزنى خاتىرجەم قىلىپ، يوقارقى كەسپلەرنى ئىشەنچلىك، كەسپتە پىشقان ۋاكالەتچىلەرگە تاپشۇرۇڭ.

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn


 
ھەمبەھىرلەش