ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىدا ئۇچرايدىغان بىرقىسىم ناچار قىلمىشلار
ماركا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرىدا ئۇچرايدىغان بىرقىسىم ناچار قىلمىشلار:
1- ماركا ئىلتىماس قىلىمەن دەپ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكىلەردىن نەچچە كۈنلەپ مەسلىھەت سوراپ، تەكشۈرتۈپ، ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىغان ماركىنى بىلىۋېلىپلا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمەي جىممىدە يوقاپ كىتىدىغان،يۈزى قىزارماستىن ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ۋاقتىنى، ئەمگەك-ئەجرىنى قىلچە ھۆرمەتلىمەيدىغانلار.
2- ماركا ئىلتىماسىىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تېز بولغاندا 7 كۈندە چىقىرىپ بېرىمىز دەيدىغانلار.
دىققەت قىلدىڭىزمۇ؟ تېز بولغاندا 7 كۈندە دەيدۇ. بۇ بىر سۆز ئويۇنى ئالدامچىلىقى بولۇپ، سەل دىققەت قىلمىسا 7 كۈندە ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىپ بېرەلەيدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ھەتتا خىجىل بولمايدىغانلار تېز بولغاندا 3 كۈندە چىقىرىپ بىرىمىز دەيدۇ.ئەگەر تېز بولماي قالسا قانچە كۈندە چىقار؟
بەلكىم ساختا ئىسپات ياسىسا شۇنداق بولۇشى مۈمكىن، لېكىن بۇ قانۇنسىز قىلمىش. ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى نۇرمال ئەھۋالدا 20 كۈندىن 30 كۈن ئەتراپىدا چىقىۋاتىدۇ.
3- ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ماركىنىڭ كىچىك كىنىشكىسى دەپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرىدىغان ياكى مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغانلار.
ماركىنىڭ كىنىشكىسى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىلمايدۇ. بىرلا كىنىشكىسى بولىدۇ، بۇ ماركا رەسمىي تەستىقلانغاندا دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن تارقىتىلىدۇ. مەنىسىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ،ماركا ئىلتىماسىنىڭ قۇبۇل قىىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى پەقەت ماركا ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆلچەملىك بولغانلىقى، ماركا ئىلتىماس ھەققىنىمۇ تولۇق تاپشۇرغانلىقى ۋە ئاخىرىدا ماركا ئىدارىسىنىڭ بۇ ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
4- ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا نەچچە تەرەپتىن تىل بىرىكتۈرۈپ تېلېفون قىلىپ، ماركىڭىزنى بىرەيلەن ئىلتىماس قىلماقچىتى، قارىسام قۇلۇپلاپ قۇيۇپسىز، ئەسەر ھوقۇقىنى ئالمىسىڭىز باشقىلارغا ئېلىپ بىرىمىز، ماركىنى ئىشلىتەلمەيسىز دەيدىغان ياكى بىز ماركىنىڭ ھەممە تۈرىنى ئېلىپ بولدۇق، سىز ئىشلەتسىڭىز ئەرز قىلىمىز دىگەندەك ساختا گەپلەر بىلەن بۇ كەسپنى چۈشەنمەيدىغان ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئالداپ ئارتۇق چىقىم قىلدۇرىدىغانلار. بۇلارنىڭ بۇ رەزىل قىلمىشى ئېنىقلا تور ئالدامچىلىقىغا كىرىدۇ.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn

ھەمبەھىرلەش