تىجارەت كىنىشكىلىرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىنى يوللاش خىزمىتى باشلاندى

 بارلىق تىجارەتچى دوستلار بۇياققا دىققەت قىلىڭ.
تىجارەت كىنىشكىلىرىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىنى يوللاش خىزمىتى باشلاندى. مەيلى شىنجاڭدا ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە تىزىملاتقان تىجارەت كىنىىشكىسى بولسۇن پەقەت نامىڭىزدا   2025-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن تىزىملىتىلغان تىجارەت كىنىشكىسى بولسىلا ،  چوقۇم 2026-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2026-يىلى 6 - ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە دۆلەت كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق 2025-يىللىق دوكلاتىنى يوللىشىڭىز كېرەك. ئەگەر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە يىللىق دوكلاتنى يوللىمىسىڭىز « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بازار سۇبيېكتىلىرىنى تىزىملاپ باشقۇرۇش نىزامى» ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلى قائىدىسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە تىجارىتى بىنۇرمال تىزىملىككە، يەنى كۆپچىلىك دەۋاتقان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلىرى بويىچە 10 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. ئۇدا نەچچە يىل يىللىق دوكلاتنى يوللىمىغاندا تىجارەت كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ.

   تىجارەت كىنىشكىلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى يوللاشنى دۆلەت كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش سۇپىسى ئارقىلىق ھەقسىز يوللاشقا بولىدۇ. ھەرقايسى ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ھاۋالە قىلسىڭىز 20 يۈەن ئەتراپىدا مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىغان بولۇپ، بۇ باھا ئىنتايىن مۇۋاپىق. ئەگەر مەشغۇلات قىلالىسىڭىز شۇنداقلا ۋاقتىڭىز يىىتىشسە توردا ئۆزىڭىز ھەقسىز مەشغۇلات قىلىپ يوللاڭ. ۋاقتىڭىزنى تىجىمەكچى ياكى مەشغۇلاتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئويلىسىڭىز ۋاكالەتچىلەرگە تاپشۇرۇڭ.
 لېكىن شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھەريىلنىڭ بېشىدىكى مۇشۇ مەزگىللەردە مەخسۇس تىجارەت كىنىشكىلىرىنىڭ يىللىق دوكلاتىنى يوللاش مەزمۇنىدىكى ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرى كۆپ يوللىنىدىغان بولۇپ، بىرقىسىم قارا نىيەتلەر مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 2-3 يۈز يۈەن ۋاكالەتچىلىك ھەققى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇنداق ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز جىددىيلىشىپ كەتمەڭ ھەم ئارتۇق پۇل خەجلىمەڭ.

بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتىمىزگە ھاۋالە قىلىپ توختاملىق ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرگەن خېرىدارلىرىمىزنىڭ نامىدىكى بىردانە يەككە تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىنى توختامدىكى ۋەدىمىز بويىچە ھەقسىز يوللاپ بېرىمىز،بۇنىىڭ ئۈچۈن سىز تىجارەت كىنىشكىڭىز، كىملىك نومۇرىڭىز ۋە تىجارەت كىنىشكىگە باغلانغان تېلېفون نومۇرىڭىزنى تەمىنلىشىڭىز ، مەشغۇلات جەريانىدا يېقىندىن ماسلىشىشىڭىز كېرەك.  ئىھتىياجلىقلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ بىجىرىۋېلىڭ.
ئالاقە ئۈندىدار نومۇرى: marka991、
ھەمبەھىرلەش