ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ۋاقتى توشقا ماركىنى قايتا ئىلتىماس قىلماي چوققۇم ۋاقتىنى ئۇزاتىشقا ئىلتىماس قىلىڭ
خەۋەرنى ئاڭلىدىڭلامۇ؟
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ماركا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ نۆۋەتتە ئاشكارا پىكىر ئېلىش باسقۇچىدا بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئاساسلىق مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ئايرىم بىر فىلىمدا سۆزلەپ بىرىمەن. بۇ قېتىم كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم، ماركا قانۇنى، ماركا تەكشۈرۈش ئۆلچەم-بەلگىلىمىلىرى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ، تەلەپ يوقۇرىلاۋاتىدۇ. بۇ يەردە بىرقىسىم كىشىلەر سورىغان مۇنداق بىر سوئالغا جاۋاپ بەرمەكچىمەن.
ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولۇپ، 10-يىلىغا كىرگەندە ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىمىز، لېكىن ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققى ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىن يوقۇرى بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز ۋاقتى توشۇش ئالدىدا تۇرغان شۇ ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتماي، قايتىدىن ئىلتىماس قىلساق نەچچە يۈز يۈەن پۇلنى تىجەپ قالالامدۇق؟
بۇنىڭ جاۋابى شۇكى، بۇنداق بولۇشى ناتايىن. ئازراق پۇلنى تىجەيمەن دەپ ئەسلىدىكى ماركىڭىزدىن ۋازكىچىپ، ئۇنى قايتا ئىلتىماس قىلسىڭىز، ئەگەر يېڭى ماركا ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانماي قالسا ، ئۇ چاغدا ماركا ئىلتىماس قىلىشقا خەجلىگەن پۇلىڭىزنى زىيان تارتىپلا قالماي، ئەسلىدىكى ماركىڭىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز. بۇ پۇل تىجىگەندىنمۇ بەكرەك ئېغىر زىيان. بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى خېلىلا يوقۇرى، چۈنكى، يوقۇرىدا دىگەندەك، ماركا قانۇنى ۋە ماركا تەكشۈرۈش ئۆلچەم- تەلەپلىرى بارغانسىرى مۇكەممەللىشىپ، تەلەپ يوقۇرىلاۋاتىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئوخشىمىغان ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئوخشاش ماركىنى تەكشۈرۈشتىكى ھۆكۈم قىلىشىدىمۇ پەرق بولىدۇ. دىمەك، 10 يىل بۇرۇن تەستىقلانغان ماركا ھازىر تەستىقلانماسلىقى مۈمكىن. تېخىمۇ مۇھىمى، ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلغاندا پەقەت ماركا ئىگىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىنىلا تەكشۈرىدىغان بولۇپ، ماركىنى ئايرىم تەكشۈرمەيدۇ، دىمەك،ماركا ئىىگىسىنىڭ ماتېرىيالىدا مەسىلە بولمىسىلا ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئىلتىماسى %100 تەستىقلىنىدۇ دىيىشكە بولىىدۇ. لېكىن، ماركىنى يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغاندا بولسا ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىنىىڭ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرگەندىن باشقا، ماركا بەلگىسى ئۈستىدىكى يېزىق، بەلگە-شەكىللەرنىمۇ تەپسىلى تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرىدۇ. يېڭى ماركا ئىلتىماسىنىڭ مەغلۇپ بولۇش نىسبىتى خېلى يوقۇرى. شۇنىڭ ئۈچۈن ، كۆپچىلىككە تەۋسىيەرىمىز شۇكى، ماركىڭىزنىڭ ۋاقتى توشقان بولسا پۇل تىجەيمەن دەپ قايتا ئىلتىماس قىلماي چوقۇم ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىڭ.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn

ھەمبەھىرلەش