ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى دىگەن نېمە؟
دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملىرى مەلۇم بىر ماركائىلتىماسىغا نىسبەتەن، ئوخشاش ماركا تۈرىدە شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى يېقىن كىلىدىغان ماركا بار يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ،شۇ ماركا ئۈستىدىكى ھەرقايسى يېزىق – بەلگىلەرگە ئوخشاش تۈردە بۇرۇن باشقىلار ئىلتىماس قىلغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماركا يوقلىقى دەلىللەنگەندىن كىيىن، شۇ ماركىنى تەستىقلاشنى قارار قىلىدۇ، مانا بۇ دەسلەپكى تەكشۈرۈش بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دۆلەت ماركا ئىدارىسى شۇ ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى چىقىرىدۇ ۋە دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتىدە ئاشكارا ئېلان قىلىپ 3 ئاي جەمئىيەتتىن پىكىر ئالىدۇ. بۇ 3 ئاي مەزگىلىدە ھەرقانداق بىر شەخس بۇ ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا نىسبەتەن باشقىچە پىكىردە بولسا، يەنى بۇ ماركا تەستىقلانسا ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئوخشاش تۈردە ئىلتىماس قىلغان شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماركا ھوقۇقى ياكى ئەسەر ھوقۇقى قاتارلىق ئالدىن ئېرىشكەن ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ئىھتىماللىقى بار دەپ قارىسا دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يوقارقى ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا نىسبەتەن قارشى پىكىر بەرسە بولىدۇ. دۆلەت ماركا ئىدارىسى قارشى پىكىرنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن تەخمىنەن 9 ئاي ئىچىدە بۇ ماركا ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىپ، ئەگەر قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى قايىل قىلارلىق بولسا شۇ ماركا ئىلتىماسىنى رەت قىلىدۇ، ئەگەر قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى يىتەرسىز بولسا قارشى پىكىرنى رەت قىلىپ، ماركا ئىلتىماسىنى تەستىقلاش قارارىنى چىقىرىدۇ.
قىسقىسى، ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملىرىنىڭ ماركا ئىلتىماسىنى تەستىقلاشتا خاتالىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەستىقلاش ھۆكۈمىنى جەزىملەشتۈرۈش باسقۇچىدۇر.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn

ھەمبەھىرلەش