国语网站链接

ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرگەنلەر بەك دىققەت قىلىڭلا

ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار، تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرگەنلەر بەك دىققەت قىلىڭلا.
سىلەرگە تېلېفون قىلىپ ماركا ئىلتىماس قىلامسىز ، تىجارەت كىنىشكىدىكى ئىسىمنى ماركىغا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز باشقىىلارغا ئىلتىماس قىپ بىرىمىز، سىز ئىشلىتەلمەيسىىز دەيدىغان،  ماركا ئىلتىماس قىلسا ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملاتمىسىڭىز باشقىلار تىزىملىتىۋالسا شۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئىشلىتىسىز دەيدىغان ساختىپەز قارا نىيەتلەر يېقىىندا يەنە يېڭىدىن تاكتىكا ئۆزگەرتىپ، مانا بۇنىڭدەك ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكا تاختىلىرىنى زورلاپ تاڭىدىغان بوپتۇ. ئۇلار ماركا ئىلتىماس قىلغانلارنى قايمۇقتۇرۇپ، سىزنىڭ ماركىڭىزغا ياكى تىجارەت كىنىشكىڭىزگە يوقۇرىدىن ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىلىرىنى تارقىتىپتۇ، 1800 كويغا ۋاقتىدا ئېلىۋالمىسىڭىز بىكار بولىدۇ، خەق ئېلىۋالىدۇ دىگەندەك قايمۇقتۇرىدىغان گەپلەرنى قىلىپ، ماركا ، ئەسەر ھوقۇقى، ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىلىرىگە ئايرىم-ئايرىم پۇل خەجلىتىپ 5-6 مىڭ يۈەن زىيان سالىدىكەن.
ئىسىڭىزدە بولسۇن، سىز كۆرۈپ تۇرغان بۇ ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىلىرىنى نۇرمال تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەت-كارخانا ياكى يەككە تىجارەتچىلەر بولسىلا پۇل تۆلىسە چىقىرىپ بېرىۋىرىدۇ. بۇ بىرەر ھۆكۈمەت ئورنى مەخسۇس باھالاپ ئالاھىدە تارقىتىدىغان ئۈنۋان ياكى سالاھىيەت كىنىشكىسى ئەمەس، پەقەت بىرخىل شان-شەرەپ كىنىشكىسى. ھەرگىزمۇ بەزىلەر دىگەندەك بۇ كىنىشكىلارنى ئالسا بانكىدىن قەرز بېرىدىغان ياكى باشقا ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىدىغان ئىش يوق، بۇ كىنىشكىلەرنى بىزمۇ بىجىرىپ بېرىۋاتىمىز، ھەرگىزمۇ قايمۇقتۇرۇپ، كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلمىدۇق، بۇنى پەقەت ئىشخانا تاملىرىغا، ئىشكاپ جازىلارغا تىزىپ قويۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئىناۋىتىنى نامايان قىلىشقا، باشقىلارغا ئىشەنچلىكتەك تۇيغۇ بېرىشكە، يەنە بىرى ئىشخانىنىڭ يارىشىقى سۈپىتىدە ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ كىنىشكىلەرنىڭمۇ ئەرزىنى ھەم قىممىتى بار، توردىن تەكشۈرگىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىىغانلىرى بار. زۈرۈر بولسا بىجىرىپ زىننەت ئۈچۈن ئىشلىتىڭ. زۈرۈر بولمىسا پۇل ئىسراپ قىلماڭ. لېكىن ھەرگىزمۇ ساختا ياسىۋالماڭ ياكى ساختا ياسالغاننى سېتىۋالماڭ.
مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى: www.marka.cn
ھەمبەھىرلەش