国语网站链接

يىپەك يولى ماركا تورىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

يىپەك يولى ماركا تورىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
يىپەك يولى ماركا تورى - يېنىڭىزدىكى ماركا مۇتەخەسىسى.
شىىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كەسپىي مۇلازىمەت تور بېكىتى بولغان يىپەك يولى ماركا تورى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەر مىللەت خېرىدارلار ئۈچۈن ئۈنۈملۈك ۋە قولايلىق بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتى تەمىنلەشنى ئاساسى مەقسەت ۋە نىشان قىلىدۇ!
يىپەك يولى ماركا تورىنىڭ تور ئادرېسى

www.silutm.com
 
بولۇپ، بۇ يەردىكى SILU بولسا دۆلەت يېزىقىدىكى يىپەك يولى يەنى 丝绸之路 دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولغان 丝路 نىڭ پىنيىنچە يېزىلىشى،TMبولسائىنگىلىزتىلىدىكى  تاۋارماركىسى Trademark 
دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. 
يىپەك يولى تور بېكىتىنىڭ بەلگىسى بولسا چەمبەر ئىچىدىكى ئىككى دانە رەڭلىك يىپەك لىنتا شەكلىدىكى پىنىنچە  ۋە L ھەرىپى بولۇپ، بۇ دەل يىپەك يولىنىڭ دۆلەت يېزىقىدىكى ئاتىلىشى بولغان 丝路 نىڭ پىنيىنچە يېزىلىشىدىكى ئاساسلىق ئىككى ھەرپ بولۇپ،  راۋان سىزىقلار ئارقىلىق «يىپەك يولى» نىڭ تۇتىشىش، سوزۇلۇش خۇسۇسىيىتىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاستىدا دۆلەت يېزىقىدىكى 丝路金标网 دېگەن خەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا تور ئادرېسى يېزىلغان.
ئۇنىڭ ئەتراپىدا تەدرىجىي ئۆزگىرىدىغان يۇمىلاق ھالقا  ئاساسىي گەۋدىنى ئوراپ تۇرىدۇ، بۇ ھەم يىپەك يولى بويىدىكى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ، ھەم ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان كۆرۈش سەزگۈسىنى يەتكۈزىدۇ.
تور بېكەت بەلگىسى چەمبىرىنىڭ ئاستى تەرىپىدە قۇملۇق ئۈستىدە كىتىۋاتقان ئۈچ دانە تۆگە  «يىپەك يولى» نىڭ تارىخىي بەلگىسىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۇپىنىڭ مەدەنىيەت ۋە سودا خاسلىقىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى رەڭلىك ھالقا بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بۇلۇت سىزىقچىلىرى جوڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، توربېكەت بەلگىسىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسى بىلەن بىرىكىپ جوڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى نىشانىنى  تېخىمۇ نامايەن قىلىدۇ.

يىپەك يولى ماركا تورىدا ماركا ئىلتىماس قىلىش، ھەرخىل ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرىش، ماركا تەكشۈرۈش، ئەڭ يېڭى ماركا تۈرلىرى جەدۋىلى، ماركا بازىرى، ماركىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش، ئەسەر ھوقۇقى تىزىملىتىش، شىركەت قۇرۇش، مالىيە-باج ۋاكالەتچىلىكى، تاياقچە كود كىنىشكىسى بىجىرىش، ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىسى بىجىرىش قاتارلىق كارخانا مۇلازىمىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر- ساۋاتلىرى قاتارلىق سەھىپە ۋە ئىقتىدارلار بار بولۇپ، تور بېكەت كومپىيۇتېر ۋە يانفون نۇسقىسىدىن تەركىپ تاپقان. تور بېكىتىمىزنىڭ ئەزالىقىغا تىزىملىتىپ كىرىش ئارقىلىق كومپىيۇتېر ياكى يان تېلېفون ئارقىلىق بىۋاستە ماركا ئىلتىماس قىلالايسىز. ماركا ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلاپ يوللاش، ماركا تۈرلىرىنى تاللاش، ھەق تۆلەش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ھەرۋاقىت نۇرمال بىجىرەلەيسىز. ھەتتا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تاقالغان ۋاقىتلاردىمۇ بىزنىڭ يىپەك يولى تور بېكىتىمىز ئارقىلىق نۇرمال ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى يوللىيالايسىز. بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ، پەقەت دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان تور بېكىتى نۇرمال ئەسلىگە كەلسىلا بىرلا كۇنۇپكا بىلەن بارلىق ماركا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. ئىلتىماس قەدەم-باسقۇچلىرى ھەرۋاقىت ئۈندىدار، ئىمەيىل ۋە يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈلىدۇ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى ئەزالىق ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەپسىلى كۆرەلەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ماركا نامىنى يۆتكەش، قارشى پىكىر بېرىش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق بارلىق ماركا كەسىپلىرىگە توردا بىۋاستە زاكاس چۈشۈرۈپ ھەق تۆلەشكە بولىدۇ.
كىيىنكى فىلىملىرىمىزدا يىپەك يولى ماركا تورىنىڭ ھەرقايسى سەھىپە ۋە ئىقتىدارلىرى ئايرىم ھالدا تەپسىلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
مەشغۇلات جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى ياكى بايقالغان كەمچىللىكلەرنى توربېكىتىمىزنىڭ مۇلازىمەتچىلىرىگە ئىنكاس قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ.
ھەرمىللەت خېرىدارلارنىڭ توربېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ كىرىپ كەسىپ بىجىرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز. 
ھەمبەھىرلەش