国语网站链接

ئاشخانا-تېز تاماقخانا مۇلازىمىتى ماركىسىنى 43- تۈرگە چوقۇم تىزىملىتىش كېرەك

ئاشخانا-تېز تاماقخانا خوجايىنلىرى بۇ مەزمۇننى ئەستايىدىل كۆرۈپ بېقىڭ. بۈگۈن سىلەرگە ئاشخانا -تېز تاماقخانا ماركىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈرىنى قانداق تاللاشنى ئېنىق دەپ بىرىمەن.
ئالدى بىلەن شۇنى ئىسىڭىزدە تۇتۇڭكى، ئاشخانا-تېز تاماقخانا مۇلازىمىتى ماركىسىنى 43- تۈرگە چوقۇم تىزىملىتىش كېرەك. بۇ دەل مۇشۇ مۇلازىمەتنىڭ ماركا تۈرى. پەقەت 43- تۈرنىڭ ماركىسى بولسىلا بۇ ماركىنى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىز ئاشخانا ئاچسىڭىز بولىدۇ، تارماق دۇكاندىن نەچچىنى ئاچسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ. پۈتۈنلەي قانۇنلۇق بولۇپ، ھېچكىم توسالمايدۇ.  ماركىنىڭ 35- تۈرى ھەققىدە مەن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن: ئەگەر ماركىنىڭ 35- تۈرىنى تىزىملىتىشقا بولسىلا قەتئىي ئىككىلەنمەي دەل ۋاقتىدا تىزىملىتىۋېلىڭ. بۇنىڭ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ. ئازغىنە پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ ماركىڭىزنى ئەتراپلىق قوغدىيالايسىز. زەنجىرسىمان دۇكان، ئىجازەتلىك ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا قوللىنالايسىز ۋە باشقىلارنىڭ تارتىۋېلىشىدىن ساقلىنالايسىز. ئەمما 35- تۈرنى تىزىملاتقىلى بولمىسىمۇ بەك ئەنسىرەپ كەتمەڭ. ئەڭ مۇھىم بولغان 43- تۈرنىڭ ماركىسى قولىڭىزدا بولسىلا كۇپايە. 35- تۈرگە تىزىملىتالمىسىڭىز سىزنىڭ نۇرمال ئاشخانا ئېچىشىڭىزغا ، ئۆزىڭىزنىڭ تارماق دۇكىنىڭزىنى ئېچىشىڭىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. چۈنكى 43- تۈر دەل ئاشخانا ئېچىشىڭىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.
خولاسىلىسەك، يوارقى مەزمۇنلاردىن چوقۇم شۇنى ئېنىق بىلەلەيسىز، ھە دىسىلا 35- تۈرنى بەك سىرلىق دەپ ئويلىۋالماڭ. ئاشخانا - تېز تاماقخانا ساھەسىدە پەقەت باشقىلارغا ھوقۇق بېرىدىغان زەنجىرسىمان دۇكان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىزلا 43-تۈرنىڭ ماركىسى بولسىلا يېتىدۇ. ئۆز ئالدىڭىزغا تارماق دۇككاندىن نەچچىنى ئاچسىڭىز بولىۋىرىدۇ. ئەلۋەتتە 35- تۈرنى تىزىملاتقىلى بولسا تېخى ياخشى، لېكىن زۈرۈر شەرتى ئەمەس. 
ھەمبەھىرلەش