国语网站链接

ماركا ئىگىلىرىنىڭ بۇ 7 تۈرلۈك ھوقۇقىنى بىلەمسىز؟

ماركا ئىگىلىرىنىڭ تۆۋەندىكى 7 تۈرلۈك ھوقۇقىنى بىلەمسىز؟
1- ئىشلىتىش ھوقۇقى: ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ، سودا پائالىيەتلىرىگە بۇ ماركىنى بىمالال ئىشلىتەلەيسىز.  دىققەت قىلىڭكى، چوقۇم رويخەتكە ئالدۇرغاندىلا بۇ ھوقۇقىڭىز بولىدۇ.
2- يالغۇز ئىگىلەش ھوقۇقى: بۇ ماركا قانۇنىنىڭ ماركا ئىگىسىگە بەرگەن ئەڭ چوڭ ھوقۇقى بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئوخشاش ياكى يېقىن بولغان تاۋار-مۇلازىمەت تۈرىدە بۇ ماركىغا ئوخشاش ياكى يېقىن ماركىنى ئىشلىتىۋېلىشىنى چەكلەپ، ماركىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە بازار رىقابەت كۈچىنى قوغدايدۇ.
3- ئىجازەتلىك ئىشلىتىشكە بېرىش ھوقۇقى: سىز باشقىلار بىلەن كىلىشىم تۈزۈپ ماركىڭىزنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بەرسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق كىرىم ياراتقىلى ۋە ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
4- چەكلەش ھوقۇقى: ماركا ھوقۇقىڭىز دەخلىگە ئۇچرىغاندا جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. قانۇن ماركىڭىزنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىۋېلىشىنى چەكلەپ، قانۇنىي ھوقۇقىڭىزنى قوغدايدۇ. بۇ ماركا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كاپالەت.
5- رەنىگە قويۇش ھوقۇقى: ئىھتىياجلىق بولغاندا ماركىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەخ ھەل قىلىشقا ، ماركىنىڭ مۈلۈك قىممىتىنى نامايان قىلىشقا بولىدۇ.
6- ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى: قانۇنلۇق تەرتىپلەر ئارقىلىق ھەقلىق ياكى ھەقسىز ھالدا ماركىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.
7- ۋارسلىق قىلىش ھوقۇقى: ماركىنى مىراس شەكلىدە قانۇنلۇق ھالدا ۋارسلىق قىلغۇچىلارغا مىراس قالدۇرۇشقا بولىدۇ.
 

مەن ماركا ئەپەندى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىدا ئەگرى يول مېڭىپ قالماي دىسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سوراڭ. مېنىڭ ئالاقىلىشىش ئۈندىدار نومۇرۇم:Marka991
تېخىمۇ كۆپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بىلىم-ساۋاتلىرىنى بىزنىڭ شىنجاڭ قۇياش كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادرېسى:
www.marka.cn
 
ھەمبەھىرلەش