国语网站链接

ماركىنى ئايرىپ ئىلتىماس قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىڭ

ئەگەر سىزنىڭ ماركا بەلگىڭىزدە يېزىق ھەم بەلگە-شەكىللەر بار بولسا، بۇلارنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز دېگەندە،ماركا ئىلتىماسىنى تەكشۈرگەندە  ماركا بەلگىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرخىل يېزىق ۋە بەلگە - شەكىللەر ئايرىپ تەكشۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئايرىپ ئىلتىماس قىلغاندا ماركا ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ. مانا بۇ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش.
ئەگەر ماركا بەلگىسىدىكى مەلۇم يېزىق ياكى بەلگە- شەكىل باشقىلارنىڭ بۇرۇن ئىلتىماس قىلغان ماركىسىدىكى يېزىق ياكى بەلگە - شەكىلگە ئوخشاش ياكى يېقىن بولۇپ قالسا، بۇ ماركا ئىلتىماسىڭىز رەت قىلىنىشى مۈمكىن. ئايرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇ يېزىق ياكى بەلگە - شەكىللەر ئۆز - ئارا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئايرىم ئىلتىماس قىلىنغان يېزىق، بەلگە - شەكىللەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ، ئايرىم ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ، پۈتۈنلەي قانۇنلۇق. ئەگەر بىرلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز ئايرىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئازراق پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ ماركىنى ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىش ئەڭ چوڭ غەلىبە. 
ھەمبەھىرلەش