国语网站链接

ماركا تىزىملاتقۇچىنىڭ نامى ياكى ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا چوقۇم مۇنداق قىلىڭ

ئەگەر سىزنىڭ كىملىكىڭىز ياكى تىجارەت كىنىشكىڭىزدىكى ئىسىم ياكى ئادرېستا ئۆزگىرىش بار بولسا، مۇناسىۋەتلىك ماركا كىنىشكىسىدىكى تىزىملاتقۇچى نامى ياكى ئادرېسىنىمۇ دەل ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىڭ. شۇنداقلا بىرلا قېتىمدا ئوخشاش نام ۋە ئادرېستىكى بارلىق ماركىلارنى ئۆزگەرتىۋېلىڭ. ھەرگىزمۇ ئايرىم بىرنەچچىسىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ قانۇنى ئاساسى بار.
2027-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىغان يېڭى ماركا قانۇنىنىڭ 57- ماددىسىدا ئېنىق قىلىپ ، ماركا تىزىملاتقۇچىنىڭ نامى ياكى ئادرېسىدا ئۆزگىرىش بولغاندا ماركا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بەلگىلەنگەن مۇددەتتە ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىسە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ماركىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
يېڭى ماركا قانۇنىدا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا سالمىقى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم مۇناسىۋەتلىك قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشى، تەجرىبىلىك ماركا ۋاكالەتچىلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك كەسپلەر ھەققىدە مەسلىھەت سوراپ، قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە تىگىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. 
ھەمبەھىرلەش