国语网站链接

ماركا ۋاكالەتچىلىكىدىكى بۇ ھىيلە-مىكىرلەرنى بىلەمسىز؟

سىز ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى ماركا ۋاكالەتچىسىگە تاپشۇرساملا ماركا ئىلتىماسىم چوقۇم ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىدۇ، دەپ ئويلامسىز؟ ئالدىراپ خوش بۇلۇپ كەتمەڭ.
سىز ماركا ئىلتىماس قىلىش ھەققىنى ماركا ۋاكالەتچىسىگە تاپشۇرغان بىلەن، بۇ ماركا ۋاكالەتچىسى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان ئورگان تەرەپ ھەققىنى تاپشۇرماسلىقى مۈمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەن مەۋجۇت.
بەلكىم سىزنىڭ ماركا ۋاكالەتچىڭىز سىزدىن پۇل ئالغاندىن كىيىن ، ماركا ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرمىغان بولۇشى، ئارىلىقتا سىزگە كۆرسەتكىنى ساختا قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇش - ماتېرىياللىرى بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق قاپ يۈرەك قارانىيەتلەر راستلا بار. بولۇپمۇ تۆۋەن باھاغا خېرىدار قىزىقتۇرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق.
ئىچكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر ماركا ۋاكالەتچىسى قىسقىغىنە بىرنەچچە يىل ئىچىدە 24 مىڭ پارچىغا يېقىن ماركا ئىلتىماسىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 19 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ماركا ئىلتىماسىغا پەقەت  ماتېرىيال تاپشۇرۇپ قويۇپ، دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئالىدىغان ھەقنى تاپشۇرمىغان. ئويلاپ بېقىڭ، ئۇلار پەقەت ئورگان تەرەپ ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشتىنلا قانچىلىك نەپكە ئېرىشكەندۇ؟
مانا بۇ تۆۋەن باھالىق قارانىيەت ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ھىيلىسى.
بەزى ئازراق خىجىل بولىدىغانلىرى بەلكىم سىزگە ۋاكالىتەن ماركا ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تاپشۇرغان بولۇشى مۈمكىن، ئەمما كىيىنكى باسقۇچلارغا تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك ھەقنى تاپشۇرماي، سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىزنى توردا تەكشۈرگىلى بولسىمۇ، ئىزچىل قۇبۇل قىلىنماي، كىيىنكى باسقۇچلارغىمۇ ئۆتەلمەسلىكى مۈمكىن، بۇ خىل ئەھۋالدا ماركا كىنىشكىسىنىڭ چىقىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. سىز بەك ئاددىي ئويلاپ قاپسىزمۇ قانداق؟
سىز ماركا كەسپىنى چۈشەنمەيسىز، ماركا ۋاكالەتچىلىكىدىكى ھىيلە-مىكىرلەرنى تېخىمۇ بىلمەيسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزان باھانىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ ئاسانلا ئورىغا چۈشىسىز. نەتىجىدە پۇل يوق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ يامىنى  ئىھتىياجلىق ماركىمۇ يوق، ۋاقىت ئىسراپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كۆڭۈلدىكىدەك ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز. بۇ زىياننى ئەرزان باھا بىلەن تولۇقلىغىلى بولارمۇ؟
 
ھەمبەھىرلەش