国语网站链接

نېمە ئۈچۈن ماركا ئىلتىماسى رەسمىي تەستىقلانغان كۈنى ماركا كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالالمايمىز؟

ھەممەيلەن بېلىمىز، ماركا ئىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىنكى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋاقتى 3 ئاي بولۇپ، مەخسۇس مۇشۇ ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىر ئېلىش مەزگىلىدۇر، ھەرقانداق كىشى قارشى پىكىر بەرسە بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا ھەق ئالىدۇ، شۇنداقلا مۇۋاپىق ئىسپات بولۇشى كېرەك. بەزىلەر بەلكىم مۇشۇ ئۈچ ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى قارشى پىكىر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشى مۈمكىن. گەرچە ماركا ئىلتىماسى رەسمىي تەستىقلىنىپ تورغا ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى كۈنگىچە بولغان قارشى پىكىر بېرىش ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. ئەگەر راستلا  قارشى پىكىر بېرىلگەن بولسا، ماركا ئىدارىسىمۇ بۇ ماركا تەستىقلانغاندىن كىيىن ئاندىن قارشى پىكىر ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا ، ئەسلىدىكى ماركائىلتىماسىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ۋە  تەستىقلانغانلىق ئۇقتۇرۇشى بىكار قىلىنىپ، بۇ ماركا ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا بىر ئايدەك ساقلاش مەزگىلى قالدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا قارشى پىكىر بېرىلمىسە، ماركا ئىدارىسى ماركا كىنىشكىسىنى رەسمىي تارقىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مەزكۇر ماركىغا قارشى پىكىر بېرىش ئېغىزى مەڭگۈلۈك تاقىلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا ئىلتىماسى تەستىقلانغان كۈنىلا ماركا كىنىشكىسىنى ئېلىش مۈمكىن ئەمەس. ئەلۋەتتە، بىز ماركا ۋاكالەتچىلىرىمۇ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماركا كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىلا ئۆز ئىگىلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز. بۇنىڭدىن پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. 
ھەمبەھىرلەش