ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولغان ماركىنى ئۇلار ئىلتىماس قىلمىغان باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟
باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولغان ماركىنى ئۇلار ئىلتىماس قىلمىغان باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ. ئالدىنقى شەرتى، سىز ئىلتىماس قىلغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت خاراكتىر جەھەتتىن باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولغان باشقا تۈردىكى تاۋار- مۇلازىمەت بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلسىڭىز، ماركىنىڭ تۈرىنى كىڭەيتىشكە بولىدۇ.
يەنە بىرسى، باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولغان ماركا داڭلىق ماركا بولمىسا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، داڭلىق ماركىنى تۈر ئاتلاپ قوغدايدىغان بولۇپ، تىزىملىتىلمىغان باشقا چوڭ تۈرلەردىمۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان ماركا بەلگىسى ئىجادىلىققا ئىگە بولغان لايىھە بولسا ۋە ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىلغان بولسا ئۇنداقتا بۇ بەلگىگە ھەرگىز چېقىلماڭ. چۈنكى، ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىلغان ماركا بەلگىسىنى باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ، ماركا ئىلتىماس قىلىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. پەقەت ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملاتقان كىشىلا بۇ بەلگىنى ماركىغا ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇنىڭدىن سىز ماركا بەلگىسىنى ئەسەر ھوقۇقىغا تىزىملىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندىڭىزمۇ؟
مەن ماركا ئەپەندى. ھەرقانداق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسىگە يولۇقسىڭىز ھەرۋاقىت مەندىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.
بىزنىڭ شۇئارىمىز: ئالدىمايمىز، قاچمايمىز، ئاخىرغىچە مەسئۇل بولىمىز!

ھەمبەھىرلەش